قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى 109 ~ 111 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى ئىيساغا بېرىلگەن نېمەتلەر 1

مائىدە سۈرىسى 109 ~ 111 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ ئىيساغا بېرىلگەن نېمەتلەر

﴿۞يَوۡمَ يَجۡمَعُ ٱللَّهُ ٱلرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَآ أُجِبۡتُمۡۖ قَالُواْ لَا عِلۡمَ لَنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ ١٠٩ إِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱذۡكُرۡ نِعۡمَتِي عَلَيۡكَ وَعَلَىٰ وَٰلِدَتِكَ إِذۡ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِ تُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِي ٱلۡمَهۡدِ وَكَهۡلٗاۖ وَإِذۡ عَلَّمۡتُكَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَۖ وَإِذۡ تَخۡلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡ‍َٔةِ ٱلطَّيۡرِ بِإِذۡنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِيۖ وَتُبۡرِئُ ٱلۡأَكۡمَهَ وَٱلۡأَبۡرَصَ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ تُخۡرِجُ ٱلۡمَوۡتَىٰ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ كَفَفۡتُ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَنكَ إِذۡ جِئۡتَهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ ١١٠ وَإِذۡ أَوۡحَيۡتُ إِلَى لۡحَوَارِيِّ‍ۧنَ أَنۡ ءَامِنُواْ بِي وَبِرَسُولِي قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَٱشۡهَدۡ بِأَنَّنَا مُسۡلِمُونَ ١١١ ﴾

تەرجىمىسى

109 – بىر كۈنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى يىغىدۇ ۋە: «سىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىلدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىزنىڭ ھېچ ئىلمىمىز يوق، شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن» دەيدۇ.

110 – ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى. تۇغما كور ئادەمنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ساقايتاتتىڭ. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىراتتىڭ. ئىسرائىل ئەۋلادىنى سەندىن توسقان ئىدىم، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىڭ، ئۇلاردىن كافىر بولغانلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى.

111 – مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ ئەلچىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم. ئۇلار: «ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز» دېگەن ئىدى.

تەپسىرى

  1. ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە ئۆزى تەرىپىدىن ئەلچى ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنى ۋە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى قىيامەت كۈنى سوئال – سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ[1]. بۇ ئايەتتە بولسا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىدىن قىيامەت كۈنى سورايدىغان سوئالىنى ۋە ئۇلارنىڭ بېرىدىغان جاۋابىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى يىغىدۇ ۋە ئۇلاردىن: «سىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىلدى؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار كامالى ئېھتىرام بىلەن: «بىز ھەرگىزمۇ بىلمەيمىز، غەيىبلەرنى پەقەت سەن بىلىسەن، يارەب!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.‏

  1. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنى ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئالاھىدە نىدا قىلىپ ئۇنى، ئۆزى ئۇنىڭغا ۋە ئانىسىغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ياد ئېتىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇ نېمەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان ئۇ نېمەتلەر تۆۋەندىكىچە:

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلىنغان ئۈچ ئائىلىنىڭ بىرى بولغان «ئىمران ئائىلىسى»نىڭ نەۋرىسى بولۇپ دۇنياغا كېلىشى[2]، ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتىسىز يارىتىلىپ مۆجىزە بالا سۈپىتىدە دۇنياغا كېلىشى[3]، دۇنيا – ئاخىرەتتە ئېتىبارلىق بولۇشى، ئاللاھقا يېقىن بەندىلەردىن بولۇشى ۋە ئىسمىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن قويۇلۇشى[4]، پەيغەمبەر قىلىنىشى، بىرقانچە مۆجىزە بېرىلىشى ۋە پەرىشتە جىبرىئىل بىلەن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى[5]، ئاللاھ تەرىپىدىن خەت يېزىش، ھېكمەت، تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ئۆگىتىلىشى[6]، بەنى ئسرائىلنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدىلىشى[7].

ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەمگە ئاتا قىلغان نېمەتلەر بولسا، تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

«ئىمران ئائىلىسى»نىڭ قىزى بولۇشى،  كىچىكىدىن باشلاپ شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشى[8]، بىر پەيغەمبەر (زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام) تەرىپىدىن ئىبادەتخانىدا ھىمايە قىلىنىشى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن رىزىق بېرىلىشى[9]، پەرىشتىلەردىن بېشارەت ۋە تەلىماتلار تاپشۇرۇۋېلىشى، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تاللىنىپ ئالەملەرنىڭ ئاياللىرىدىن ئۈستۈن قىلىنىشى[10]، ئىپپىتىنى ساقلاش، چىن ئىخلاس ۋە سەمىمىي ئىتائەت قاتارلىقلاردا باشقا ئاياللارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرستىلىشى[11]، ئاللاھنىڭ ئاخىرقى كىتابى قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بىرقانچە قتېىم (31 قېتىم) زىكىر قىلىنىشى ۋە قۇرئان كەرىمدە بىر سۈرە (19 – سۈرە)نىڭ «مەريەم سۈرىسى» دەپ مەريەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىشى.

«ئاپئاق» دېگەن مەنىدىكى «ھەۋر – حور» كەلىمىسىدىن نىسبىي سۈپەت (ئىسمى مەنسۇب) بولغان «ھەۋارىي» – ئاقارتقۇچى، كىيىم يۇغۇچى ۋە ئۈشتىگەر دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئىستىلاھىي مەنىسى بولسا، «تاللانغان، نۇقسانسىز، تەرەپدار، ۋاپادار دوست، ئاغىنە، ناھايىتى ياردەم سۈيەر، بىرەر ئىشقا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن كىشى» دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ سۆز (ھەۋارىي) قۇرئان كەرىمدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سادىق دوستلىرى ۋە ھەقكە يېتەكلەش خىزمىتىدىكى ياردەمچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مۇپەسسىرلەر ئۇلارنىڭ «ھەۋارىي» دەپ ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ ئاق كىيىملىك بولۇشى ياكى كىيىم يۇيۇش ۋە ئۈشتىچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ[12].

ئۆز ۋاقتىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلدىن كۇفرىلىق، تەرسالىق ۋە زىيانكەشلىك ھېس قىلىپ: «كىم ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېگەندە، «بىز ئاللاھ يولىدا سېنىڭ ياردەمچىلىرىڭ بولىمىز، دەۋىتىڭنى قوللايمىز، يولۇڭدا سەن بىلەن ئاداققىچە بىللە ماڭىمىز» دەپ ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىگەن مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلار ئەنە شۇ «ھەۋارىيلار»دۇر.

 ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلار بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ سۆھبەتنى ئىككى يەردە زىكىر قىلىپ ئۇلارنى مەدھىيىلەيدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىنى، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ[13]. 111 ~ 115 – ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ «ئىمان كەلتۈرۈڭلار!» دېگەن ئىلاھىي دەۋەتنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھنىڭ ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرىشى توغرۇلۇق دۇئا قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغانلىقى، بۇ ئىلتىماسنىڭ سەۋەبلىرى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇئاغا بەرگەن جاۋابى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! مەن ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلارغا، «ماڭا ۋە ئەلچىم (ئىيسا)گە ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم، ئۇلار: «ئىمان كەلتۈردۇق، ئى ئاللاھ! بىزنىڭ بۇيرۇقىڭغا بۇيسۇنغۇچىلار ئىكەنلىكىمىزگە گۋاھچى بولغىن» دېگەن ئىدى.

بۇ يەردىكى «ۋەھىي قىلىش» ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا بىۋاسىتە ۋەھىي نازىل قىلغانلىقىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ياكى مەزكۇر بۇيرۇقنى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىقىنى ۋە ياكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بۇيرۇق قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگىمۇ سالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابى بولسا، بۇيرۇققا ئەستايىدىل بويسۇنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 

[1] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 6 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 33 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.

[3] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 59 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 45 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 87 – ۋە 253 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 49 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 63 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 6 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 48 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 55 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 157 – ۋە 158 – ئايەتلەر.

[8] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 36 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 37 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 42 ~ 45 – ئايەتلەر.

[11] قاراڭ: 66 – سۈرە تەھرىم، 12 – ئايەت.

[12] تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان،  6: 450؛ فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 8: 233؛ ئىبنى ئاشۇر، تەھرىر ۋە تەنۋىر، 3: 255؛ ئوسمان جىلاجى، «ھەۋارى»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1997)، 16: 513.

[13] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 49 ~ 53 – ئايەتلەر؛ 61 – سۈرە  سەف، 14 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر