وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ إِلَىٰ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَإِلَى ٱلرَّسُولِ قَالُواْ حَسۡبُنَا مَا وَجَدۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَآۚ أَوَلَوۡ كَانَ ءَابَآؤُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ شَيۡٔٗا وَلَا يَهۡتَدُونَ ١٠٤ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ عَلَيۡكُمۡ أَنفُسَكُمۡۖ لَا يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا ٱهۡتَدَيۡتُمۡۚ إِلَى ٱللَّهِ مَرۡجِعُكُمۡ جَمِيعٗا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُو
تەرجىمىسى
104 – ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كېلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا -بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلار، ئاتا – بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟
105 – ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار. سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەر سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
تەپسىرى
- ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ بەزى ھايۋانلارنى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ھارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ، ئاتا – بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
بەزى ھايۋانلارنى نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ ھارام دەپ قارىغان ۋە «ئۇلارنى ھارام دەپ قاراشقا بىزنى ئاللاھ ئەمر قىلدى» دەپ ئاللاھقا تۆھمەت قىلغان مۇشرىكلارغا، «ئاللاھ نازىل قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھ يەتكۈزگەن ھۆكۈمگە كېلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىزگە ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى يېتەرلىك» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى ھەقتىن ھېچ نەرسە بىلمەيتتى، ھىدايەت ئۈستىدىمۇ ئەمەس ئىدى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار يەنىلا ئاتا – بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگەشتى.
- ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ خاتا يولىغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلەرنىڭ، ھەقكە دەۋەت قىلىنغان چاغلىرىدا: «بىزگە ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى يېتەرلىك» دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان ۋە يۇقىرىدىكىدەك سەلبىي پوزىتسىيىگە دۇچ كەلگەن مۇئمىنگە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئىش بولسا، ئۆزى ھەق ئۈستىدە چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئايەت ھەرگىزمۇ دەۋەتنى تەرك ئېتىشكە دەلىل بولمايدۇ، چۈنكى ھەقكە دەۋەت قىلىش ھەر مۇئمىننىڭ ۋەزىپسىدۇر ۋە توغرا يولدا بولۇشنىڭ بىر شەرتىدۇر[1]. مۇئمىن ھەر دائىم ھەقنى بىلىش، ھەقكە ئەمەل قىلىش ۋە ھەقكە دەۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن توغرا يول ئۈستىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم.
شۇڭلاشقا مۇئمىن، بىرەر كىشىنى ياكى بىرەر جامائەتنى ھەقكە دەۋەت قىلغان چېغىدا، قارشى تەرەپ دەۋەتنى قوبۇل قىلمىسا ياكى ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقكە ئېھتىياجى يوقلىقىنى ئىپادىلىسە، بۇ تەقدىردە دەۋەتچى مۇئمىن ھەقتە چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارغا ھەقنى يەتكۈزۈش بىلەن دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. ئۇلار مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ھەر كىم ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرمەيدۇ[2]. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلار ھەقكە ئەمەل قىلىش ۋە باشقىلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىش بىلەن توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرساڭلار، دەۋىتىڭلارنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ سىلەرگە بىرەر زىيىنى بولمايدۇ، چۈنكى زىيان تارتماسلىقنىڭ يولى ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ھەقكە بۇيرۇش ۋە سەۋرگە بۇيرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتۇر[3]. سىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىپ ھىدايەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرساڭلارلا، يولدىن ئاداشقانلارنىڭ سىلەرگە بىرەر زىيىنى بولمايدۇ، لېكىن سىلەرمۇ ئۇلارغا قاراپ بەلنى قويۇۋەتسەڭلار، مۇئمىنلىق ۋەزىپەڭلارنى ئادا قىلمىساڭلار، شۇنداقلا ئۇلارغا ئوخشاش بولساڭلار زىيان تارتىسىلەر.
[1] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 79 -، 80 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 108 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 53 – سۈرە نەجم، 37 ~ 41 – ئايەتلەر.
[3] قاراڭ: 103 – سۈرە ئەسر.






