قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى، 94 ~ 97 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى ھاجىلارنىڭ ئوۋ ئوۋلىشى ھەققىدە 1

مائىدە سۈرىسى، 94 ~ 97 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ ھاجىلارنىڭ ئوۋ ئوۋلىشى ھەققىدە

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَيَبۡلُوَنَّكُمُ ٱللَّهُ بِشَيۡءٖ مِّنَ ٱلصَّيۡدِ تَنَالُهُۥٓ أَيۡدِيكُمۡ وَرِمَاحُكُمۡ لِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ مَن يَخَافُهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَلَهُۥ عَذَابٌ أَلِيمٞ ٩٤ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَقۡتُلُواْ ٱلصَّيۡدَ وَأَنتُمۡ حُرُمٞۚ وَمَن قَتَلَهُۥ مِنكُم مُّتَعَمِّدٗا فَجَزَآءٞ مِّثۡلُ مَا قَتَلَ مِنَ ٱلنَّعَمِ يَحۡكُمُ بِهِۦ ذَوَا عَدۡلٖ مِّنكُمۡ هَدۡيَۢا بَٰلِغَ ٱلۡكَعۡبَةِ أَوۡ كَفَّٰرَةٞ طَعَامُ مَسَٰكِينَ أَوۡ عَدۡلُ ذَٰلِكَ صِيَامٗا لِّيَذُوقَ وَبَالَ أَمۡرِهِۦۗ عَفَا ٱللَّهُ عَمَّا سَلَفَۚ وَمَنۡ عَادَ فَيَنتَقِمُ ٱللَّهُ مِنۡهُۚ وَٱللَّهُ عَزِيزٞ ذُو ٱنتِقَامٍ ٩٥ أُحِلَّ لَكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَحۡرِ وَطَعَامُهُۥ مَتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِلسَّيَّارَةِۖ وَحُرِّمَ عَلَيۡكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَرِّ مَا دُمۡتُمۡ حُرُمٗاۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ ٩٦ ۞جَعَلَ ٱللَّهُ ٱلۡكَعۡبَةَ ٱلۡبَيۡتَ ٱلۡحَرَامَ قِيَٰمٗا لِّلنَّاسِ وَٱلشَّهۡرَ ٱلۡحَرَامَ وَٱلۡهَدۡيَ وَٱلۡقَلَٰٓئِدَۚ ذَٰلِكَ لِتَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَأَنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ

تەرجىمىسى

94 – ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى قوللىرىڭلار بىلەن ۋە نەيزىلىرىڭلار بىلەن ئوۋلىيالايدىغان بىر ئوۋ بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ بۇنى، كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن قىلىدۇ. كىم بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشىدىكەن، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

95 – ئى مۇئمىنلار! ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئوۋىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىم ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئۇ كىشى ئۆلتۈرگەن ئوۋغا تەڭ كېلىدىغان بىر ھايۋاندۇر – بۇنىڭغا سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشى ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ ھايۋاننى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىش لازىم – ياكى مىسكىنلەرگە تائام بېرىش كەففارىتىدۇر ياكى ئۇنىڭ باراۋىرىگە روزا تۇتۇشتۇر. بۇ جازا ئۇ كىشىنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئىلگىرىكى گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلدى. كىمكى قايتا گۇناھ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر.

96 – سىلەرگە دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى ھالال قىلىندى. بۇ سىلەرنى ۋە يولۇچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. سىلەر ئېھرامدىلا بولىدىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋى سىلەرگە ھارام قىلىندى. سىلەر ھۇزۇرىغا يىغىلىدىغان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.

97 – ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلدى. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنىمۇ شۇنداق قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.

تەپسىرى

ھەج ۋە ئۆمرە ئۆزگىچە ئادا قىلىنىدىغان ئىككى ئىبادەتتۇر. مەسىلەن: ئۇ ئىبادەتلەر يەر يۈزىدە پەقەت بىر يەردىلا (مەككىدىلا) ئادا قىلىنىدۇ، ئادا قىلىنىدىغان يەرگە مۇئەييەن جايلاردىن كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ (ئېھرام باغلاپ)، بېرىش شەرت قىلىنىدۇ، باشلىغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشتۇرغىچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئادەتتە قىلىشقا رۇخسەت بېرىلگەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش چەكلىنىدۇ، ئادا قىلىنىدىغان يەردىمۇ (ھەرەم تەۋەلىكىدە) باشقا يەرلەردە قىلىشقا رۇخسەت بېرىلگەن بەزى ئىشلارنى قىلىش چەكلىنىدۇ.

ئەنە شۇ ئىككى ئىبادەتنىڭ بىرىنى باشلىغان، يەنى بەلگىلەنگەن جايدىن ئۇ ئىبادەتنى نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلىغان كىشى، ئېھرامدىكى جەريانىدا ۋە ئېھرامدىن چىقسىمۇ ھەرەم تەۋەلىكىدە تۇرۇۋاتقان چاغلىرىدا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋلىرىدىن ئوۋلىشى چەكلىنىدۇ. بۇ چەكلىمە بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 94 ~ 96 – ئايەتلەردە بۇ چەكلىمىنىڭ ھېكىمىتى بايان قىلىنىدۇ، چەكلىمە تەكرارلىنىدۇ، چەكلىمىگە بويسۇنمىغانلارغا بېرىلىدىغان جازا بىلدۈرۈلىدۇ، دېڭىز ئوۋىنى ئوۋلاش ۋە يېمەكلىكىنى يېيىش (سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۆزىچە ئۆلۈپ لەيلىگەنلىرىنى يېيىش)نىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋلىرىدىن ئوۋلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكى قايتا تەكىتلىنىدۇ ۋە چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋلىرىنى ئوۋلاشنى ھارام قىلىشى ۋە بەزى ئوۋلارنى سىلەر ئاسانلا ئوۋلىيالايدىغان يەرلەرگە كەلتۈرۈشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بۇ چەكلىمىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋلىرىدىن ئۆلتۈرگەن ياكى باشقىلار ئوۋلىغان ئوۋنىڭ گۆشىدىن يېگەن كىشى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. 
  2. ئى مۇئمىنلار! ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىم قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا جازا بېرىلىدۇ. بۇ جازانىڭ ئۇسۇلى ۋە تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1) ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى ئۇ ئادەم ئۆلتۈرگەن ئوۋغا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىدىن قايسىسىنىڭ تەڭ كېلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ ئادەم، ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا تەڭ كېلىدىغانلىقىغا ئۇلار ھۆكۈم قىلغان ھايۋاننى كەئبىنىڭ يېنىغا (مەككىگە) ئېلىپ بارىدۇ ياكى ئەۋەتىدۇ، ئۇ ھايۋان جايىغا يېتىپ بارغاندا قۇربانلىق قىلىنىپ مەككىدىكى پېقىر – مىسكىنلەرگە تارقىتىلىدۇ.

2) ئۆلتۈرگىنىگە تەڭ كېلىدىغان ھايۋاننىڭ پۇلىغا يېمەكلىك ئېلىپ مىسكىنلەرگە بىر كۈنلۈكتىن تارقىتىدۇ.

3) بىر مىسكىنگە تارقىتىدىغان يېمەكلىك ئۈچۈن بىر كۈن روزا تۇتىدۇ. مەسىلەن:

ئۇ ئادەم ئۆلتۈرگەن ئوۋغا ئىككى ئادىل كىشى بىر قوينىڭ تەڭ كېلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان بولسا ۋە بۇ بىر قوينىڭ پۇلىغا 20 مىسكىنگە بىر كۈنلۈكتىن يېمەكلىك ئالغىلى بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشى 20 كۈن روزا تۇتىدۇ.

 ئۇ ئادەم بۇ ئۈچ تۈرلۈك جازانىڭ قايسىسىنى چېكىشنى خالىسا شۇنى چەكسە بولىدۇ. بۇ جازا ئۇ ئادەمنىڭ ئىلاھىي چەكلىمىگە رىئايە قىلمىغانلىق گۇناھىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ، بۇ چەكلىمىنى قويۇشتىن ئىلگىرى ئوۋ ئوۋلاش گۇناھىنى قىلغانلارنى ئەپۇ قىلدى، لېكىن بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىم ئېھرامدا تۇرۇپ ياكى ھەرەم تەۋەلىكىدە ئوۋ ئوۋلايدىكەن، ئەنە شۇ جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.

96 – ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە دېڭىز ئوۋىنى ئوۋلاش ۋە يېيىش، دېڭىزنىڭ يېمەكلىكى (ئۆزىچە ئۆلۈپ لەيلىگەن سۇ ھايۋانلىرىنى يېيىش) ھالال قىلىندى. ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا، ئېھرامدا بولمىساڭلارمۇ ھەرەم تەۋەلىكىدە بولغان چېغىڭلاردا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى ئوۋلاش ھارام قىلىندى. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر ۋە سىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى ئېھرامدىكى ئادەم ئوۋلىمىغان، ئوۋلىنىشىغا سەۋەبچى بولمىغان ۋە ھېچقانداق ياردەم قىلمىغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشى  بۇنداق ئوۋنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ.

97 – ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەئبىنى، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە ئېلىپ مېڭىلغان قۇربانلىق ھايۋانلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ مەزكۇر نەرسىلەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن «تۇرۇش ۋاسىتىسى» قىلىشىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

 ئاللاھ تائالا مەككىنى يەر يۈزىنىڭ مەركىزى قىلغان[1]. مەككىدىكى تۇنجى ئىبادەتگاھ بولغان كەئبىنى ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەت مەنبەسى ۋە ھىدايەت بۇلىقى قىلغان[2]. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلاردىن قادىر بولالىغانلارغا، مەركىزىي يۇرت بولغان مەككىگە بېرىپ مەزكۇر ئىبادەتگاھتا ۋە بەلگىلەنگەن باشقا جايلاردا، مەلۇم كۈنلەردە خەلقارالىق جامائەت ھالىتىدە ھەج ئىبادىتى ئادا قىلىشنى پەرز قىلغان[3]. ھەجنىڭ ۋاقتىنى بىرقانچە ئاي قىلىپ بېكىتكەن[4]، ئۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى، ھاجىلارغا، ھاجىلارنىڭ قۇربانلىقلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنچاقلىرىغا چېقىلىشنى ھارام قىلغان[5]. ھاجىلارنىڭ ئۇ ئايلاردا تىجارەت قىلىشىغا ۋە مەنپەئەت ئېلىم – بېرىمى قىلىشىغا يول قويغان، ھەتتا ئۇلارنى بۇنىڭغا تەرغىب قىلغان[6].

ھەج ئايلىرىنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشى، ھەج ئىبادىتىنىڭ بىر مۇسۇلمانغا ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرز بولۇشى، ھەج بىرقانچە كۈندە ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت بولسىمۇ ئۇ كۈنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايدا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى ئايدا ئۇرۇش ھارام قىلىنىشى ۋە ھەجنىڭ خەلقئارالىق جامائەت ھالىتىدە ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت قىلىپ بەلگىلىنىشى قاتارلىقلار كۆرسىتىدۇكى:

مەككىگە ھەر يىلى يەر يۈزىنىڭ پەرقلىق جايلىرىدىن پەرقلىق ئىنسانلار كېلىپ  – كېتىدۇ. بۇ مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە يەرمەنكە ئېچىپ، مال ئېلىم – سېتىمى ۋە زاكالەت ئېلىم – بېرىمى قىلىشىغا، بىلىم ۋە پەن – تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىپ، بىر – بىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىغا، سىياسىي، ئەسكىرى ۋە مەدەنىي ساھەلەردە توختام تۈزۈشۈپ ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي مەنىدە ھاسىل قىلىشىغا شارائىت يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ مال ۋە خىزمەتلىرى، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىجاد قىلغان يېڭىلىقلىرى يەر يۈزىگە تارقىلىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ قوللىرىغا پۇل كىرىم بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا كەئبە، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار، ھەرەمگە ئېلىپ مېڭىلغان قۇربانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنچاقلىرىنى ئەنە شۇ شەكىلدە «ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى» قىلغان.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ مەزكۇر نەرسىلەرنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىپ بېرىشنى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلغان.

[1] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 92 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 96 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 97 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 197 – ۋە 203 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 27 ~ 29 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 197 – ئايەت.

[5] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 2 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 198 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 28 – ئايەت.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 22 – ۋە 23 – ئايەتلەر؛ 8  – سۈرە ئەنفال، 38 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر