يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡخَمۡرُ وَٱلۡمَيۡسِرُ وَٱلۡأَنصَابُ وَٱلۡأَزۡلَٰمُ رِجۡسٞ مِّنۡ عَمَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ فَٱجۡتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ. ِنَّمَا يُرِيدُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَن يُوقِعَ بَيۡنَكُمُ ٱلۡعَدَٰوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ فِي ٱلۡخَمۡرِ وَٱلۡمَيۡسِرِ وَيَصُدَّكُمۡ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَعَنِ ٱلصَّلَوٰةِۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّنتَهُونَ ٩١ وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَٱحۡذَرُواْۚ فَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ ٩٢ لَيۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جُنَاحٞ فِيمَا طَعِمُوٓاْ إِذَا مَا ٱتَّقَواْ وَّءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ ثُمَّ ٱتَّقَواْ وَّءَامَنُواْ ثُمَّ ٱتَّقَواْ وَّأَحۡسَنُواْۚ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
تەرجىمىسى
«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، شەيتان مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار بىلەن ئاراڭلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك سېلىشنى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن توسۇشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئەمدىغۇ يانىدىغانسىلەر؟ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يەپ – ئىچكىنىدە ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. بۇ ئۇلار تەقۋادارلىق قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن يەنە تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئىمان ئېيتقان، ئاندىن يەنە تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ياخشىلىق قىلغان تەقدىردە مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» – (5 – سۈرە مائىدە، 90 ~ 93 – ئايەتلەر).
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا 90 ~ 93 – ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى مەست قىلغۇچى نەرسە ئىستېمال قىلىش، قىمار ئويناش، بۇتقا قۇربانلىق قىلىش، پال بېقىش ۋە پال باقتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ (90 – ئايەت، ئۇ نەرسىلەرنىڭ قەتئىي ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەت بولۇپ، مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار توغرۇلۇق نازىل بولغان ئاخىرقى ئايەتتۇر[1])، مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمارنىڭ زىيانلىرىنى بايان قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا، بولۇپمۇ يۇقىرىدىكى بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشقا، شۇنداقلا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇ قەتئىي بۇيرۇق يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى مەست قىلغۇچى نەرسە ئىستېمال قىلغان ۋە قىمار ئوينىغانلارنىڭ گۇناھكار بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
90- ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن، قىمار ئويناشتىن، تىكلەپ قويۇلغان تاشلاردا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىشتىن، پال بېقىش ۋە پال باقتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئۇ ئىشلاردىن ساقلانساڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
91 – شەيتان سىلەرنى مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ۋە قىمار ئويناشقا كۈشكۈرتىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ ۋە قىمار ئويناپ ئۆزئارا ئاداۋەتلىشىشىڭلارنى ۋە بىر – بىرىڭلاردىن نەپرەتلىنىشىڭلارنى، ئاللاھنىڭ زىكرىنى ۋە نامازنى تەرك ئېتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەست قىلغۇچى نەرسە ئىستېمال قىلىش ۋە قىمار ئويناش ئەنە شۇنداق نىجىس ئىشلاردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇ ئىشلاردىن ئەمدىغۇ يانارسىلەر!
92- بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە چۈشۈرگەن بۇيرۇقىدۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاللاھتىن تاپشۇرۇۋېلىپ سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇيرۇقىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەكسى تەقدىردە ئازابقا دۇچار بولىسىلەر، دىققەت قىلىڭلار! رەسۇلۇللاھ بۇ ئىلاھىي بۇيرۇقنى سىلەرگە يەتكۈزگەندىن كېيىن باھانەڭلار قالمايدۇ، ئۆزرە ئېيتالمايسىلەر. بىلىڭلاركى، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسى يەتكۈزۈشتۇر، سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار ئىتائەت قىلىشتۇر.
93 – ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا سەمىمىي بولغان مۇئمىنلار، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ يامانلىقلاردىن ساقلىنىش ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇش شەرتى بىلەن، مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار قەتئىي شەكىلدە ھارام قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆتمۈشتە ئۇلارنى ئىستېمال قىلغانلىقى ۋە ئۇتقان پۇلغا يېمەكلىك ئېلىپ يېگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە «بىرەر ئىش ياكى نەرسىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئايەت نازىل بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئىش ياكى ئۇ نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى قىلىنغان گۇناھلار ئەپۇ قىلىنىدۇ» دېگەن پرىنسىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ، چەكلىمە كەلگەندىن كېيىن سەمىمىي بولغانلارغا ئاللاھنىڭ بىر ئىلتىپاتىدۇر[1].
[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 22 – ۋە 23 – ئايەتلەر؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 38 – ئايەت.
«تىكلەپ قويۇلغان تاشلار» ھەققىدە مۇشۇ سۈرە (مائىدە)نىڭ 3 – ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى.
[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 219 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى






