قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى، 87 ~ 88 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

مائىدە سۈرىسى، 87 ~ 88 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

 يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُحَرِّمُواْ طَيِّبَٰتِ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكُمۡ وَلَا تَعۡتَدُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُعۡتَدِينَ ٨٧ وَكُلُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ حَلَٰلٗا طَيِّبٗاۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ أَنتُم بِهِۦ مُؤۡمِنُونَ ٨٨ 

تەرجىمىسى

87 – ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار ۋە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

88 – ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ھالال ۋە پاك رىزىقتىن يەڭلار، ئۆزۈڭلار ئىمان كەلتۈرگەن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.

تەپسىرى 

87 – 88. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (82 ~ 85 -) ئايەتلەردە ناسارالارنىڭ مۇئمىنلارغا، نىسبەتەن يېقىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىملار ۋە راھىبلارنىڭ بارلىقىنى بۇ يېقىنلىقنىڭ بىر سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى (87 – ۋە 88 -) ئايەتتە بولسا، ئومۇمىي مۇئمىنلارنى، مۇسۇلمان بولغان كونا ناسارا ئالىملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى، تەقۋادارلىق نامى بىلەن تەرك ئەتكەن پاك نەرسىلەرنى ھارام ھېسسابلاشتىن ۋە ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ. ئۇلارنى، ئۆزى (ئاللاھ) رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يېيىشكە بۇيرۇيدۇ[1]. تەقۋادارلىقنىڭ ھالال نەرسىلەردىن ساقلىنىش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، مۇئمىن ھاراملاردىن ساقلىنىشى، جۈملىدىن ھارام يېمەسلىكى، ھالاللاردىن، ئىسراپ قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم[2].   

بۇ ئايەتلەردىن كۆرىۋالالايمىزكى، رەسۇلۇللاھ رىۋايەتلەردە دېيىلگەندەك پاك بولغان ھەسەلنى ھارام قىلمايدۇ ۋە نىجىس بولغان سۈيدۈكنى ئىنسانلارنىڭ ئىچىشگە بۇيرۇمايدۇ. 

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 168 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.

[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 31 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 140 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 32 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 67 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر