﴿لُعِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُۥدَ وَعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَواْ وَّكَانُواْ يَعۡتَدُونَ ٧٨ كَانُواْ لَا يَتَنَاهَوۡنَ عَن مُّنكَرٖ فَعَلُوهُۚ لَبِئۡسَ مَا كَانُواْ يَفۡعَلُونَ ٧٩ تَرَىٰ كَثِيرٗا مِّنۡهُمۡ يَتَوَلَّوۡنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ لَبِئۡسَ مَا قَدَّمَتۡ لَهُمۡ أَنفُسُهُمۡ أَن سَخِطَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَفِي ٱلۡعَذَابِ هُمۡ خَٰلِدُونَ ٨٠ وَلَوۡ كَانُواْ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلنَّبِيِّ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مَا ٱتَّخَذُوهُمۡ أَوۡلِيَآءَ وَلَٰكِنَّ كَثِيرٗا مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ ٨١ ۞لَتَجِدَنَّ أَشَدَّ ٱلنَّاسِ عَدَٰوَةٗ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱلۡيَهُودَ وَٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْۖ وَلَتَجِدَنَّ أَقۡرَبَهُم مَّوَدَّةٗ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّا نَصَٰرَىٰۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّ مِنۡهُمۡ قِسِّيسِينَ وَرُهۡبَانٗا وَأَنَّهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ ٨٢ وَإِذَا سَمِعُواْ مَآ أُنزِلَ إِلَى ٱلرَّسُولِ تَرَىٰٓ أَعۡيُنَهُمۡ تَفِيضُ مِنَ ٱلدَّمۡعِ مِمَّا عَرَفُواْ مِنَ ٱلۡحَقِّۖ يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱكۡتُبۡنَا مَعَ ٱلشَّٰهِدِينَ ٨٣﴾
تەرجىمىسى
78 – ئىسرائىل ئەۋلادىدىن كافىر بولغانلار، داۋۇدنىڭ ۋە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقىدىن بولدى.
79 – ئۇلار بىر – بىرىنى قىلغان يامانلىقىدىن توسۇشمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
80 – ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى ئۆزلىرىگە دوست قىلىۋالغانلىقىنى كۆرىسەن. نەپسىلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان نەرسە، يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا غەزەپ قىلىشى نېمىدېگەن يامان! ئۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
81 – ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، نەبىيگە ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتقان بولسا، كافىرلارنى دوست قىلىۋالمايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقتۇر.
82 – ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلارغا ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. مۇئمىنلارغا ئەڭ يېقىن دوست بولغۇچىلارنىڭ «بىز ناسارامىز» دېگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. چۈنكى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئالىملار ۋە راھىبلار بار، ھەمدە ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ.
83 – ئۇلار رەسۇلۇللاھقا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغاندا، ھەقىقەتنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قاتارىغا يازغىن».
تەپسىرى
78 ~ 81. بەنى ئىسرائىل (يەھۇدىيلار) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزۇش، قەبىھ گۇناھلارنى قىلىش ۋە ۋەھشىي جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ۋە غەزىپىگە يولۇققان قەۋمدۇر، ئاللاھ تائالا بۇنى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە قېتىم بىلدۈرىدۇ[1]، جۈملىدىن بۇ ئايەتلەردىمۇ ئۇلاردىن ئۆتمۈشتە ياشىغان بىر قىسىم كافىرلارنىڭ، ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تىلى بىلەن لەنەتلىنىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغان بەنى ئىسرائىلنىڭ قۇۋلۇق – شۇملۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇئمىن ئەمەسلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئىككى پەيغەمبەر داۋۇد ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملاردۇر. ئۇ كافىرلارنىڭ بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تىلى بىلەن لەنەتلىنىشىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەنگەنلەرنىڭ شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇشقا قويۇلغان ئىلاھىي چەكلىمىنى ھىيلە بىلەن بۇزغان، شۇنداقلا ئاللاھ تەرىپىدىن مايمۇن ۋە توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن كەنت ئاھالىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ [2].
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەنگەنلەرنىڭ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھ ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن كۇفرىلىق قىلغان بەنى ئىسرائىل ئىكەنلىكى بىلدۈرىلىدۇ[3]. بۇلارغا قىلىنغان لەنەتنىڭ شەكلى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە بىرەر مەلۇمات يوق، لېكىن تەپسىرلەردە بۇلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئايىبەت قىلىشى بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن تۇڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر زىكىر قىلىنىدۇ[4].
بۇ ئىككى تائىپىنىڭ لەنەتلىنىشىنىڭ سەۋەبى، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تەرك ئېتىشى، ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشى ۋە بىر – بىرىنى يامانلىق قىلىشتىن توسماسلىقى قاتارلىق گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلىشىدۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەنى ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكلىرى بولسا، تولىسىنىڭ مۇشرىكلار ۋە مۇنافىقلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلارنى دوست تۇتۇشى، ئۇلارنى مۇئمىنلارغا قارشى كۈشكۈرتۈشى ۋە مۇئمىنلارغا قارشى ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت[5]. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! چۈنكى ئۇلار بۇ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىدۇ ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈ ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا لايىق رەۋىشتە ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولسا ئىدى، ئۇنداق قىلمىغان بولاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى يولدىن چىققان كىشلەردۇر[6].
يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلار (باشقا بارلىق كافىرلار) مۇئمىنلارنى يامان كۆرىدۇ، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشىشىگە چىدىمايدۇ[7]، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ناسارالارنىڭ ئاداۋىتى يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئاداۋىتىگە نىسبەتەن بىرئاز تۆۋەندۇر. 82 ~ 86 – ئايەتلەردە بۇ مەسىلە ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! سەن يەھۇدىيلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ مۇئمىنلارغا قاتتىق ئاداۋەت قىلغانلىقىنى كۆرىسەن. شۇنىڭدەك، ناسارالارنىڭ مۇئمىنلارغا سۆيگۈ جەھەتتىن ئۇ ئىككى تائىپىدىن يېقىنراق ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرىسەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىملار ۋە راھىبلار بار، ھەمدە ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ.
بۇ يەردىكى «ئالىملار» – ئاللاھ تائالانىڭ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىغا بەرگەن جاۋابىدا زىكىر قىلىنغان تەقۋادار، زاكاتنى بېرىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشىنىدىغان، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى تەۋرات ۋە ئىنجىلدە كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ[8]. «راھىبلار» بولسا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا لايىق رەۋىشتە ئەگىشىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن قەلبلىرىگە مەرھەمەت ۋە شەپقەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاز سانلىق راھىبلارنى كۆرسىتىدۇ[9]، چۈنكى ناسارا راھىبلىرىنىڭ تولىسى يەھۇدىيلارنىڭ ئەسكى موللىرىغا ئوخشاش دىننى سۇيىئىستېمال قىلىپ جان باقاتتى[10]. بۇ ياخشى ئالىم ۋە راھىبلار تەۋرات بىلەن ئىنجىلغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن.
ناسارالارنىڭ مۇئمىنلارغا ئاداۋەت قىلىش جەھەتتە يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارغا نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ناسارالارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغان پىرقە بولۇشىدۇر.
ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ناسارالار مۇئمىنلارغا سۆيگۈ جەھەتتە يېقىندۇر. ئەمما يەھۇدىيلارغا كەلسەك، ئۇلار كىبىرلىك قەۋمدۇر، شۇڭلاشقا ئۇلار تەۋراتقا لايىق رەۋىشتە ئىشەنمىگەن، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىنجىلغا ھېچ ئىشەنمىگەن. ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئانغا ئىشەنمەسلىكىمۇ تەكەببۇرلۇقىدىن بولغان[11]. مۇشرىكلار بولسا، ئۇلارمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەكەببۇرلۇقىدىن ئىشەنمىگەن[12].
- ناسارالارنىڭ مۇئمىنلارغا سۆيگۈ جەھەتتە يەھۇدىيلارغا ۋە مۇشرىكلارغا نىسبەتەن يېقىن بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، ئۇ ناسارالار رەسۇلۇللاھقا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نازىل قىلىنغان قۇرئانغا قۇلاق سالغان چاغلىرىدا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇرئاننى ئاڭلىغاندا تەۋرات ۋە ئىنجىلدا ۋەدە قىلىنغان ھەقنىڭ (ئاخىرقى پەيغەمبەر ۋە ئاخىرقى كىتابنىڭ) يېتىپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ – دە، «رەببىمىز! بىز ئىشەندۇق، بىزنى بۇ قۇرئاننىڭ ھەق كىتاب، بۇ قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن مۇھەممەدنىڭ راستتىنلا سەن ئەۋەتكەن ئەلچى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قاتارىغا يازغىن» دەيدۇ.
[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 61 – ۋە 88 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 112 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 46 – ۋە 52 – ئايەتلەر؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 13 -، 60 – ۋە 64 – ئايەتلەر.
[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 65 – ۋە 66 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 60 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 163 ~ 166 – ئايەتلەر.
[3] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 115 – ئايەت.
[4] قاراڭ: تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان، 10: 490؛ قۇرتۇبى، فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 12 : 411؛ ئەلجامىئـ لىئەھكامىل قۇرئان، 6: 252؛ شەنقىيتى، ئەزۋائۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئانى بىلقۇرئان، 1 : 419 – 420.
[5] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 51 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 41 – ۋە 42 – ئايەتلەر.
[6] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 111 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 59 – ئايەت.
[7] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 105 -، 109 -، 120 – ۋە 217 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 118 ~ 120 – ئايەتلەر؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 59 – ئايەت.
[8] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 155 ~ 157 – ئايەتلەر.
[9] قاراڭ: 57 – سۈرە ھەدىد، 27 – ئايەت.
[10] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 34 – ئايەت.
[11] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 87 – ئايەت.
[12] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 22 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 21 – ئايەت؛ 37 – سۈرە ساففات، 35 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 31 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 11 – ئايەت.






