﴿لَقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَۖ وَقَالَ ٱلۡمَسِيحُ يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۖ إِنَّهُۥ مَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدۡ حَرَّمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ ٱلۡجَنَّةَ وَمَأۡوَىٰهُ ٱلنَّارُۖ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٖ ٧٢ لَّقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ ثَالِثُ ثَلَٰثَةٖۘ وَمَا مِنۡ إِلَٰهٍ إِلَّآ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۚ وَإِن لَّمۡ يَنتَهُواْ عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ ٧٣ أَفَلَا يَتُوبُونَ إِلَى ٱللَّهِ وَيَسۡتَغۡفِرُونَهُۥۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ٧٤ مَّا ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَ إِلَّا رَسُولٞ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِ ٱلرُّسُلُ وَأُمُّهُۥ صِدِّيقَةٞۖ كَانَا يَأۡكُلَانِ ٱلطَّعَامَۗ ٱنظُرۡ كَيۡفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ ثُمَّ ٱنظُرۡ أَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ ٧٥ قُلۡ أَتَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَمۡلِكُ لَكُمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗاۚ وَٱللَّهُ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ ٧٦ قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَا تَغۡلُواْ فِي دِينِكُمۡ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ وَلَا تَتَّبِعُوٓاْ أَهۡوَآءَ قَوۡمٖ قَدۡ ضَلُّواْ مِن قَبۡلُ وَأَضَلُّواْ كَثِيرٗا وَضَلُّواْ عَن سَوَآءِ ٱلسَّبِيلِ ٧٧﴾
تەرجىمىسى
72 – شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئەمەلىيەتتە مەسىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ».
73 – شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ ئۈچنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەنلەرمۇ كافىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار دەۋاتقان سۆزىدىن يانمىسا، ئۇ كافىرلارغا چوقۇم ئەلەملىك ئازاب يېتىدۇ.
74 – ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەمدۇ؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
75 – مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ پەقەتلا ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەلچىلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر. ئۇلار ئىككىسىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش تاماق يەيتتى. قارىغىنا، ئۇلارغا ئايەتلەرنى قانداق بايان قىلىۋاتىمىز؟!. ئاندىن يەنە قارىغىنا، ئۇلار ھەقتىن قانداق بۇرۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ؟!.
76 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا پايدىمۇ، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر».
77 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا ھەقتىن ھالقىپ چەكتىن ئاشماڭلار. ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار».
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە ئەھلى كىتابنىڭ يەھۇدىيلار قىسمىنىڭ قەبىھ گۇناھلىرىنى، ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى ۋە يولۇققان ئىلاھىي جازالىرىنى بىلدۈرىدۇ. 72 ~ 77 – ئايەتلەردە بولسا، ئەھلى كىتابنىڭ ناسارالار قىسمىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەسلىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا (تەۋھىدكە) بۇيرۇغانلىقىنى، بۇ كافىرلار بۇ كۇفرىلىقتىن دەرھال تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىسە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى تەۋبىگە دەۋەت قىلىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كىملىكىنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنى بۇ شېرىك ۋە كۇفرىلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەيدۇ، دىندا ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، ئېزىپ كەتكەن ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، ھەممە بىرلىكتە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىشتىن توسىدۇ. بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى[1]. بۇ ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر ھەقىقەتەن كافىر بولۇپ كەتتى. ھالبۇكى، مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ (ئىيسا) بەنى ئىسرائىلغا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭمۇ رەببىم ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، كىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاختۇر. بۇنداق زالىملارنىڭ ھەرگىزمۇ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ» دېگەن[2].
- شۇنىڭدەك، «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەنلەرمۇ كافىر بولۇپ كەتتى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر! بۇ ناشايان سۆزنى قىلغانلار ناۋادا بۇ سۆزنى قىلىشتىن توختىمىسا كۇفرىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ ۋە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
- ئۇ كافىرلار بۇ كۇفرىلىقنى تاشلاپ تەۋبە قىلسا ۋە ئىستىغپار ئېيتسا بولمامدۇ؟! ئاللاھ سەمىمىي تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىدۇ، ئەمەسمۇ!
- ئى ناسارالار! شۇنى بىلىڭلاركى، مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ رەبمۇ ئەمەس، ئىلاھمۇ ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. مەريەم بولسا، بەنى ئىسرائىلنىڭ ياخشى ئاياللىرىدىن بىرىدۇر. ئۇلار ئانا – بالا ئىككىسى ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن ئىككى ئىنسان. ئىككىلىسىنىڭ تاماق يېيىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. تاماق يېيىشكە، ئاندىن يېگەن تاماقنىڭ زىيانلىق قىسمىنى ۋۇجۇدىدىن تەرەت قىلىپ چىقىرىۋېتىشكە موھتاج بولىدىغان بىرى ئىلاھ ياكى رەب بولۇشقا لايىقمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ لايىق ئەمەس. ئى مۇھەممەد! قارىغىنا، بىز بۇ ھەقىقەتنى قانداقمۇ ئېنىق بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار قانداقمۇ ئەقىلسىزلىك قىلىۋاتىدۇ؟!.
- ئى مۇھەممەد! ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن، دەلىلگە قارىمىغان ۋە ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئىبادەت قىلساڭلار سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان، ئبادەت قىلمىساڭلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە (ئىيساغا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمگە) ئىبادەت قىلامسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر، بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان، نىيەت ۋە قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ يەككە – يېگانە ئىلاھتۇر».
- ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى: «ئى ناسارالار! دىنىڭلاردا ھەق بولمىغان ئىشلارنى ئېتىقاد قىلىش، سۆزلەش ۋە قىلىش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. مەسىلەن: ئىيساغا ھۆرمەت قىلىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئۇنى ئىلاھ ياكى رەب دېمەڭلار، ئۇنداق ئېتىقادمۇ قىلماڭلار. ئەجدادىڭلار ئۇنى ‹ئىلاھ، رەب›، ئانىسىنى ‹تەڭرىنىڭ ئانىسى› دەپ توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. سىلەر ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرى بىلەن ئويدۇرۇپ چىققان باتىللىرىغا ئەگەشمەڭلار!» [3].
[1] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 171 ~ 173 – ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 17 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[2] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 17 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.
[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 171 ~ 173 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى؛ 61 – سۈرە سەف، 6 – ئايەت.






