قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى، 65 ~ 71 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

مائىدە سۈرىسى، 65 ~ 71 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿وَلَوۡ أَنَّ أَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ ءَامَنُواْ وَٱتَّقَوۡاْ لَكَفَّرۡنَا عَنۡهُمۡ سَيِّ‍َٔاتِهِمۡ وَلَأَدۡخَلۡنَٰهُمۡ جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ ٦٥ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ أَقَامُواْ ٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِم مِّن رَّبِّهِمۡ لَأَكَلُواْ مِن فَوۡقِهِمۡ وَمِن تَحۡتِ أَرۡجُلِهِمۚ مِّنۡهُمۡ أُمَّةٞ مُّقۡتَصِدَةٞۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ سَآءَ مَا يَعۡمَلُونَ ٦٦ ۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ بَلِّغۡ مَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۖ وَإِن لَّمۡ تَفۡعَلۡ فَمَا بَلَّغۡتَ رِسَالَتَهُۥۚ وَٱللَّهُ يَعۡصِمُكَ مِنَ ٱلنَّاسِۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ ٦٧ قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَسۡتُمۡ عَلَىٰ شَيۡءٍ حَتَّىٰ تُقِيمُواْ ٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكُم مِّن رَّبِّكُمۡۗ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرٗا مِّنۡهُم مَّآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ طُغۡيَٰنٗا وَكُفۡرٗاۖ فَلَا تَأۡسَ عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ ٦٨ إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱلَّذِينَ هَادُواْ وَٱلصَّٰبِ‍ُٔونَ وَٱلنَّصَٰرَىٰ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ٦٩ لَقَدۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَأَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهِمۡ رُسُلٗاۖ كُلَّمَا جَآءَهُمۡ رَسُولُۢ بِمَا لَا تَهۡوَىٰٓ أَنفُسُهُمۡ فَرِيقٗا كَذَّبُواْ وَفَرِيقٗا يَقۡتُلُونَ ٧٠ وَحَسِبُوٓاْ أَلَّا تَكُونَ فِتۡنَةٞ فَعَمُواْ وَصَمُّواْ ثُمَّ تَابَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ ثُمَّ عَمُواْ وَصَمُّواْ كَثِيرٞ مِّنۡهُمۡۚ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ ٧١﴾

تەرجىمىسى

65 – ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتەتتۇق ۋە ئۇلارنى نەئىم جەننەتلىرىگە كىرگۈزەتتۇق.

66 – ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببى تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن يېگەن بولاتتى. ئۇلاردىن توغرا يولنى تۇتقان بىر ئۇممەت بار. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!

67 – ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىلغىن. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن. ئاللاھ سېنى ئىنسانلاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.

68 – ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، ھېچ نەرسىگە ئاساسلانغان بولمايسىلەر». شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. ئۇ ھالدا سەن ئۇ كافىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن!

69 – مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، سابىئىيلار ۋە ناسارالاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ.

70 – شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق ۋە ئۇلارغا ئەلچىلەر ئەۋەتتۇق. قاچانىكى بىرەر ئەلچى ئۇلارغا، كۆڭۈللىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە، ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتى.

71 – ئۇلار بېشىمىزغا بالايىئاپەت كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ كور بولدى، گاس بولدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنە كور بولدى، گاس بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

تەپسىرى

  1. ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ساڭا ۋە قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا، بىز ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىراتتۇق ۋە ئۇلارنى نېمەت جەننەتلىرىگە كىرگۈزەتتۇق. چۈنكى ئۇلار ئۆز كىتابلىرىغا لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن ساڭا ۋە قۇرئانغا ئىشەنمەيۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى كۇفرىلىق ھېسابلىنىپ ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىغا ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. كافىرلار لايىق رەۋىشتە ئىمان ۋە ئەمەلگە ئىگە بولمىغىچە ھەرگىزمۇ ئەپۇ قىلىنمايدۇ ۋە دۇنيا – ئاخىرەتتە ئىلاھىي جازادىن قۇتۇلالمايدۇ[1].
  2. ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئەھلى كىتاب تەۋرات، ئىنجىل ۋە ئۆزلىرىگە رەببىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئانغا لايىق رەۋىشتە ئىشىنىپ تولۇق ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار «ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن يېگەن بولاتتى»، يەنى ئۇلار يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن پايدىلىناتتى، قىلغان تىجارەتلىرىدىن پايدا ۋە تېرىغان زىرائەتلىرىدىن مول ھۇسۇل ئالاتتى، شۇنداقلا باياشاتلىق ئىچىدە ياشايتتى، چۈنكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا تولۇق ئەمەل قىلىش، كىشىنى مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالدىدا ماڭغۇزۇش بىلەن بىرگە باياشاتلىق ۋە بەختىيارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىرىدۇ. ئىلاھىي كىتابنى تاشلاپ مەنپەئەت پەلسەپىسى بويىچە ئىش قىلىدىغانلار، ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالىدۇ، شۇنداقلا كەمبەغەللىك، يوقسۇللۇق، پەرىشانلىق ۋە خورلۇق ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى تولۇق ئىجرا قىلىنغان جەمئىيەتتە ھېچكىم قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ، ھەركىم ھەققىنى ئالىدۇ، ھەر كىم بايلىق، مولچىلىق ۋە باياشاتلىقنى قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئىزدەيدۇ. مانا مۇشۇنداق چاغدا ئۇ جەمئىيەتكە ئاسماندىن نېمەتلەر ياغىدۇ، زېمىندىن بايلىقلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇرت مەمۇرچىلىققا چۆمىدۇ، ئىنسانلار پاراۋانلىققا ئېرىشىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئەھلى كىتابنىڭ ئاز بىر قىسمى (ساڭا ۋە قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەن) ياخشى كىشىلەردۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان![2].
  3. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاخىرقى پەيغەمبىرى بولۇشقا تاللاپ، ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان ۋە قۇرئان كەرىمنى تەبلىغ قىلىشقا (يەتكۈزۈشكە) باشتىلا بۇيرۇغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزى ساقلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان[3]. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەزىپىسىنى لايىقىدا ئادا قىلغان. ئەڭ ئاخىردا نازىل قىلىنغان ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا «بۈگۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم ۋە نېمىتىمنى تاماملىدىم»[4] دېگەن مەنىدىكى سۆزنى ئېيتىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەينەن يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆمرىنىڭ ئاخىرىلىرىدا نازىل قىلىنغان سۈرىلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ (مائىدە) سۈرىسىنىڭ بۇ ئايىتىدە (67 – ئايىتىدە) قۇرئاننى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنى ئىنسانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدىغانلىقى ۋەدە قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ بۇيرۇق ۋە ساقلاش ۋەدىسى بۇ يەردە ئالدىنقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئالاھىدە تەكرارلانغان (ۋەللاھۇ ئەئلەم).

دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە (41 ~ 66 – ئايەتلەردە) يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇنافىقلارنىڭ بىر قىسىم قەبىھلىكلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئانغا تۇتقان سەلبىي پوزىتسىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئىچىنى پۇشۇرماسلىقى، ئۇلارغا قارشى دىققەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلىشى لازىملىقى قاتارلىقلار ھەققىدە نەسىھەت، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە بۇيرۇقلارنى بەرگەندىن كېيىن، ئەھلى كىتابنىڭ (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ) ئازغىنە قىسمىنىڭ ياخشى ئادەملەر، كۆپچىلىكىنىڭ يامان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ (67 -) ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇنافىقلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكىگە، يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ يامان ئادەملەر ئىكەنلىكىگە قاراپ مەيۈسلەنمەستىن ئۇلارغا قۇرئاننى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەمر قىلىدۇ، ئەكسى تەقدىردە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان بولىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. مۇنافىقلار، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ خالىغان كىشىگە ھىدايەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ھىدايەت قىلىشقا تاللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  1. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (66 – ئايەتتە) يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ مول رىزىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (68 -) ئايەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ ھەق دىندا بولۇشى ئۈچۈن تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى تەۋرات ۋە ئىنجىل ئۇلارنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ئەمر قىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىلاھىي ئەمرگە بويسۇنسا قۇرئانغا ئىشىنىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، شۇنداقلا ھەق دىننى تاپىدۇ. ئۇلار بۇ ھەق دىننىڭ دىندارى بولسا، مەزكۇر ئۈچ كىتابقا ئەمەل قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى قۇرئانغا ئىشىنىش تۈگۈل، ھەددىدىن ئېشىشتا ۋە كۇفرىلىق قىلىشتا ئەزۋەيلىدى، چۈنكى قۇرئان ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە سالغان زۇلۇملىرىنى، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئىلاۋە قىلىش، ئايەتلىرىنى بۇرمىلاش، يوشۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق قەبىھلىكلىرىنى پاش قىلدى، ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن چىقمىغان پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە ۋە ئەگىشىشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۆپچىلىك ئاچچىقلاپ ھەمدە ھەسەت قىلىپ قۇرئان كەرىمگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىدى، شۇنداقلا ھەددىدىن ئېشىشىغا ھەددىدىن ئېشىش ۋە كۇفرىلىقىغا كۇفرىلىق قاتقان بولدى. ئاللاھ تائالا ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرماسلىققا بۇيرۇيدۇ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ كافىر قەۋم ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
  2. بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى ئۈچۈن قاراڭ: 2 – سۈرە (بەقەرە)، 62 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.

ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن ئۆز كىتابلىرىغا (تەۋرات ۋە ئىنجىلغا) ئەمەل قىلىش، كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە قوللاپ – قۇۋۋەتلەش توغرىسىدا ئەھدە ئالغان. ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىدە تۇرمىغان. بولۇپمۇ يەھۇدىيلار كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىنكار  قىلغان، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلاردىن ئەنە شۇ ئەھدىنى ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەھدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ۋەھشىي جىنايەت ۋە قەبىھ گۇناھلارنى قىلغانلىقىنى بىرقانچە قېتىم زىكىر قىلىدۇ[5]. جۈملىدىن بۇ يەردە 70 – ۋە 71 – ئايەتلەردىمۇ، ئۇلاردىن ئەھدە ئالغانلىقىنى، ئۇلارغا ئەلچىلەر ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەت ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىپ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ: «بۇ قىلمىشلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن جازالاندۇرۇلمايمىز» دەپ ئويلاپ، نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالىمغانلىقىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى، لېكىن ئاللاھنىڭ جازالاندۇرۇشى بىلەن تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتكەنلىكىنى ۋە قايتا باياشاتلىققا ئېرىشكەنلىكىنى، ئاندىن يەنە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نەسىھەتلەرنى ئېسىدىن چىقىرىپ ھەقتىن يىراقلاشقانلىقىنى ۋە جازالاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

70 – شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن تەۋراتتا مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق ۋە ئۇلارغا توغرا يولغا يېتەكلىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق، لېكىن ئۇلار ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىدى؛ ئۆزلىرىگە قاچان بىرەر ئەلچىمىز كۆڭۈللىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە، ئۇلار ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچىغا چىقاردى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتى.

  1. ئىسرائىل ئەۋلادى: «بالايىئاپەتكە يولۇقمايمىز، ئاللاھ بىزنى جازالىمايدۇ» دەپ ئويلاپ كورلۇق قىلدى، گاسلىق قىلدى؛ توغرا يولدىن يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ ئۇلارغا دۈشمەنلىرىنى مۇسەللەت قىلىپ خارلىق، پېقىرلىق ۋە خانىۋەيرانچىلىق تېتېتتى، ئاندىن ئۇلار گۇناھلىرىنى تونۇپ تەۋبە قىلغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلدى. بۇ ھادىسىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنە كورلۇق قىلدى، گاسلىق قىلدى؛ توغرا يولدىن چەتنىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ۋاقتى كەلگەندە يەنە جازالىغۇچىدۇر.

تەپسىرلەردە ئۇلارنىڭ بۇ ئايەتتە ئىشارەت قىلىنغان ئىككى قېتىملىق گۇناھى ۋە ئىككى قېتىملىق ئىلاھىي جازاغا دۇچار بولۇشى توغرىسىدا بىرقانچە ئېھتىمال زىكىر قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى، بۇ ئايەتنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بەنى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىككى چوڭ ھادىسىگە ئىشارەت قىلىشىدۇر، چۈنكى بۇ ئېھتىمالدا ئايەتنى ئايەت تەپسىر قىلىدۇ[6]. ئۇ ئىككى ھادىسە تۆۋەندىكىچە:

1) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 – ئەسىردە يېڭى بابىل ئىمپېرىيىسى (مىلادىيىدىن ئىلگىرى 539 – 626  يىللار ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن) ئىمپېراتورلىرىدىن بۇختۇنەسسەر قەدىمكى يەھۇدىيە پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، قۇددۇس  شەھىرىگە ئوت قويغان، مەسجىدنى (مەسجىدى ئەقسانىڭ ئورنىدىكى ئىبادەتگاھنى) يىقىپ تاشلىغان ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلگە ئېلىپ كەتكەن. بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇ سۈرگۈن دەۋرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 530 – يىللاردا پارىسلار (ئىران) پادىشاھى كىرۇسنىڭ بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ غالىب كېلىشى بىلەن رەسمىي ئاخىرلاشقان، چۈنكى پادىشاھ كىرۇس بەنى ئىسرائىلنى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل يۇرتىغا قايتقان، شەھىرىنى يېڭىدىن قۇرغان ۋە مەسجىدنى قايتا سالغان، شۇنداقلا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىىشى مانا بۇ شەكىلدە بولغان. بۇ ھادىسە «بابىل سۈرگۈنى، بابىل ئاسارىتى» دەپ ئاتىلىدۇ.

2) رىم ئىمپىرىيىسى مىلادىيىدىن 40 يىل ئىلگىرى قۇددۇسنى ئىشغال قىلغان ۋە ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، قۇددۇسقا يەھۇدىيلاردىن ئەمىرلەر تەيىنلىگەن ۋە ئۇلار ئارقىلىق بەنى ئىسرائىلنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان. بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن يەھۇدىيلار رىم ئىمپىرىيىسىگە ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىققان قورچاقلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن رىم قەيسەرى (پادىشاھى) سىسىئانۇس مىلادىيىنىڭ 40 – يىللىرى ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئوغلى تىتۇسنىڭ قومانلىقىدا قۇددۇسقا نۇرغۇنلىغان ئەسكەر ئەۋەتكەن. بۇ ئەسكەرلەر قۇددۇسقا كېلىپ شەھەرنى ۋەيران قىلغان ۋە مەسجىدكە ئوت قويغان. تىتۇس مىڭلارچە يەھۇدىينى ئۆلتۈرگەن، مىڭلارچىسىنى ئەسىرگە ئالغان، شۇنداقلا شەھەرنىڭ ئىدارىسىنى قايتا قولىغا ئالغان. ئاندىن مىلادىيىنىڭ 130 – يىللىرى رىم ئىمپىراتورلىرىدىن ھادرىئانۇس شەھەرگە كىرىپ، شەھەرنى تامامەن ۋەيران قىلىۋەتكەن، ھەتتا قۇددۇس زېمىنىنى تۇز ئېلىشتۇرۇپ زىرائەت ئۈنمەيدىغان قىلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىشى تۈگىگەن ۋە تىرىپىرەن بولۇپ كەتكەن. قۇددۇس خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرىيىنىڭ 16 – يىلى سۈلھى بىلەن فەتھى قىلغانغا قەدەر رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىدىن چىقمىغان[7].

ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە بەنى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا ئىككىنچى قېتىملىق ئىلاھىي جازا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق بىر قىسىم كىشىلەر كۆپچىلىك قىلغان گۇناھلاردىن ساقلانغانلىقىغا، شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە جازاغا يولۇققانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. دېمەككى، ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادا بىر مىللەتكە قىلىدىغان مۇئامىلىسى (جازالىشى ياكى رەھمەت ئاتا قىلىشى) ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قىلمىشىغا باغلىق[8].

[1] قاراڭ: 8 – سۈرە ئەنفال، 38 – ئايەت..

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 121 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.

[3] قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 137 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 3 – ۋە 144 – ئايەتلەر؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 3 – ئايەت؛ 15 – سۈرە ھىجر، 94 – ۋە 95 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 106 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 1 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 6 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 40 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت؛ 47 – سۈرە مۇھەممەد، 2 – ئايەت؛ 48 – سۈرە فەتھ، 29 – ئايەت؛ 74 – سۈرە مۇددەسسىر، 1 ~ 7 – ئايەتلەر؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 23 – ئايەت.

[4] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 3 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 61 -، 63 -، 64 -، 87 -، 91 -، 93 -،  100 – ۋە 101 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران 21 -، 112 -، 181 – ۋە 183 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 155 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 12 ~ 14 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.

[6] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 4 ~ 7 – ئايەتلەر.

[7] فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 12: 407؛ ئىبنى ئاشۇر، تەھرىر ۋە تەنۋىر، 6: 277 – 278، 15: 38؛ مۇھەممەد ئەمىن ئىبنى مۇھەممەد مۇختار ئىبنى ئابدۇلقادىر شەنقىيتى، ئەزۋائۇل بەيان فى ئىزاھىل قۇرئانى بىلقۇرئان (بېيرۇت – لىۋان: دارۇلفىكر نەشرىياتى، ھ 1415 / م 1995)، 1: 417 – 418.

[8] قاراڭ: 8 – سۈرە ئەنفال، 25 – ۋە 53 – ئايەتلەر؛ 13 – سۈرە رەئد، 11 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 41 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 30 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر