قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى، 46 ~ 50 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

مائىدە سۈرىسى، 46 ~ 50 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿وَقَفَّيۡنَا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم بِعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡإِنجِيلَ فِيهِ هُدٗى وَنُورٞ وَمُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَهُدٗى وَمَوۡعِظَةٗ لِّلۡمُتَّقِينَ ٤٦ وَلۡيَحۡكُمۡ أَهۡلُ ٱلۡإِنجِيلِ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فِيهِۚ وَمَن لَّمۡ يَحۡكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ ٤٧ وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَمُهَيۡمِنًا عَلَيۡهِۖ فَٱحۡكُم بَيۡنَهُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُۖ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَهُمۡ عَمَّا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡحَقِّۚ لِكُلّٖ جَعَلۡنَا مِنكُمۡ شِرۡعَةٗ وَمِنۡهَاجٗاۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَعَلَكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَلَٰكِن لِّيَبۡلُوَكُمۡ فِي مَآ ءَاتَىٰكُمۡۖ فَٱسۡتَبِقُواْ ٱلۡخَيۡرَٰتِۚ إِلَى ٱللَّهِ مَرۡجِعُكُمۡ جَمِيعٗا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ ٤٨ وَأَنِ ٱحۡكُم بَيۡنَهُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَهُمۡ وَٱحۡذَرۡهُمۡ أَن يَفۡتِنُوكَ عَنۢ بَعۡضِ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ إِلَيۡكَۖ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَٱعۡلَمۡ أَنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُصِيبَهُم بِبَعۡضِ ذُنُوبِهِمۡۗ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِ لَفَٰسِقُونَ ٤٩ أَفَحُكۡمَ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِ يَبۡغُونَۚ وَمَنۡ أَحۡسَنُ مِنَ ٱللَّهِ حُكۡمٗا لِّقَوۡمٖ يُوقِنُونَ ٥٠﴾

تەرجىمىسى

46 – بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ھىدايەت ۋە نۇر ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلايدىغان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى بەردۇق.

47 – ئىنجىل ئەھلى، ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلسۇن. كىم ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر.

48 – ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلغۇچى ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن بۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. بىز سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن سىلەرگە بەرگەن نەرسىسىدە سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇنداقتا، ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.

49 – ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئۇلار سېنى ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچۈرمىسۇن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە بىلگىنكى، ئاللاھ ئۇلارغا بەزى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن مۇسىبەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن فاسىقلاردۇر.

50 – ئۇلار جاھىلىيەت ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھتىنمۇ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى بارمۇ؟

تەپسىرى

46 – 47. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا تەۋراتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، پەيغەمبەرلەر، زاھىتلار ۋە ياخشى ئۆلىمالارنىڭ تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە بىرىنچى ئايەتتە (46 – ئايەتتە) ئۇ پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسلامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتنى تەستىقلايدىغانلىقىنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئايرىم ھالدا ئىنجىل دەپ بىر كىتاب بەرگەنلىكىنى، ئىنجىلنىڭمۇ تەۋراتنى تەستىقلايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تەقۋادارلارغا يېتەكچى ۋە نەسىھەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچى ئايەتتە (47 – ئايەتتە) بولسا، ئىنجىلغا ئىشەنگۈچىلەرنى ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئۇنداق قىلمىغانلارنىڭ توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى بېرىش بىلەن بىرگە تەۋراتنىمۇ ئۆگەتكەن[1]. شۇڭلاشقا ئىيسا ئەلەيھىسسالام تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىرلىكتە تەبلىغ قىلاتتى، لېكىن تەۋراتتىكى بەزى ھاراملار ئىنجىلنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن ھالال قىلىنغان، يەنى تەۋراتنىڭ بۇ ھاراملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى، ئىنجىلنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى بىلەن مەنسۇخ قىلىنغان[2].

ئۇ ئىككى كىتابمۇ (تەۋرات ۋە ئىنجىلمۇ) ئەسلىدە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلار بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىق بېشارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئەھلى كىتاب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قۇرئان كەرىم ھەققىدە ئۆز كىتابلىرىدىكى ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلسا توغرا ھۆكۈم قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ[3]. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلمىغىچە توغرا يولدا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ[4].

48 ~ 50. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاخىرقى پەيغەمبىرى قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە قۇرئان كەرىمنى ئاخىرقى كىتابى قىلىپ نازىل قىلغان، شۇنداقلا بارلىق ئىنسانلارنى، خۇسۇسەن ئەھلى كىتابنى (يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان[5]. شۇنىڭ بىلەن خالىغانلار ئىمان كەلتۈرگەن، خالىغانلار ئىنكار قىلغان. لېكىن مۇنافىقلار بىلەن ئەھلى كىتاب ئىسلامنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھىيلە – نەيرەڭ ۋە قۇۋلۇق – شۇملۇقلارنى قىلغان[6]. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئەنە شۇ مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئەھلى كىتابنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىگە قايغۇرۇشتىن ۋە ئىچىنى پۇشۇرۇشتىن توسىدۇ. ئاندىن ئەھلى كىتابنىڭ قەبىھلىكلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلاردىن يىراقلاشقانلىقى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەھلى كىتابنىڭ ئۆز كىتابلىرىغا ئەمەل قىلسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت قىلىپ نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا ئۆز كىتابلىرىنىڭ (تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ) مەنسۇخ قىلىنغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ (48 ~ 50 -) ئايەتلەردە بولسا، باشقا قايتىپ ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغانلىقىنى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ دەلىلى بولغان ۋە تامامەن ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتابنى (قۇرئاننى) ساڭا نازىل قىلدۇق. بۇ كىتاب ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئەينەن ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئۇ كىتابلارنىڭ بىزنىڭ كىتابلىرىمىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ – دە، ئىنسانلار ئۆزگەرتكەن، بۇرمىلىغان ۋە يوشۇرغان يەرلەر پاش بولىدۇ. نۇرغۇن مەزمۇنلارنى زىكىر قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى مەزمۇنلارنى زىكىر قىلىدۇ[7]. شۇنىڭدەك، بۇ كىتاب ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى كونترول قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، يەنى بۇ كىتاب (قۇرئان) ئىلگىرىكى كىتابلاردا زىكىر قىلىنغان ۋە قىيامەتكە قەدەر ئىنسانىيەتكە لازىملىق بولغان ھۆكۈم ۋە مەلۇماتلارنى ئەينەن بىلدۈرش، ۋاقىتلىق ھۆكۈملىرىنى زىكىر قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ ئورنىغا قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ۋە ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان يېڭى ھۆكۈم ۋە مەلۇماتلارنى زىكىر قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بارلىق ئىلاھىي كىتابلارنى مەنسۇخ قىلىدۇ. نەتىجىدە بىزنىڭ ئاخىرقى كىتابىمىز ۋە سېنىڭ مەڭگۈ مۆجىزەڭ بولغان قۇرئان قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانيەت ئۈچۈن يەككە – يېگانە يېتەكچى بولۇپ باقىي قالىدۇ[8] .
  2. شۇڭلاشقا ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز نازىل قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، شۇنى بىلگىنكى، بىز سىلەردىن ھەر ئۇممەتكە بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئىسلام ھەممە پەيغەمبەر يەتكۈزگەن دىن بولسىمۇ، ئۇ دىننىڭ ھەر پەيغەمبەردىكى شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش يولى پەرقلىق بولغان. ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەممىڭلارنى بىر شەرىئەت ۋە بىر يول ئۈستىدە جەم قىلاتتۇق، لېكىن سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ھەر پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىنى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش يولىنى پەرقلىق قىلدۇق. بۇ سەۋەبتىن تەۋراتتا ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەر ئىنجىلدە ھالال قىلىنغان[9]، تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى ئېغىر ھۆكۈملەر قۇرئاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. لېكىن قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن بىرلا شەرىئەت ۋە بىرلا يول بەلگىلەندى. ئى ئىنسانلار! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئۆزئارا بەسلىشىڭلار، ھەممىڭلار ھۇزۇرۇمغا كېلىسىلەر، مەن (ئاللاھ) قىلمىشىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى ۋە جازاسىنى بېرىمەن.

ئى مۇھەممەد! ساڭا ھۆكۈم قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلماقچى بولساڭ، بىز نازىل قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغىن، دىققەت قىلغىن، ئۇلار سېنى ئالداپ بىز ساڭا نازىل قىلغان بەزى ھۆكۈملەردىن يىراقلاشتۇرمىسۇن، ئەگەر ئۇلار سەن قىلغان ھۆكۈمنى قوبۇل قىلمىسا، بىلگىنكى بىز ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبلىك جازالاشنى ئىرادە قىلغاچقا، ئۇلار شۇنداق بويۇنتاۋلىق قىلىدۇ. شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى يولدىن چىققان كىشىلەردۇر.

  1. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە نەپسى خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن جاھىلىيەتنىڭ ھۆكمىنى (شەرىئەت ۋە ۋەھىيگە ئاساسلانمىغان ھۆكۈمنى) تەلەپ قىلامدۇ؟! ھەقىقەت شۇكى، جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۆكمىلا ئادىل ۋە ھەققانىيدۇر.

41 ~ 50 – ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئەھلى كىتابنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئەھلى كىتاب ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلىغان، بەزى ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتكەن، بولۇپمۇ سېنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشىڭ ۋە قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەرنى يوشۇرغان. ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ساڭا ۋە قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرمەيدۇ.

 ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە تېخى ۋەھىي نازىل قىلىنمىغان بىرەر مەسىلە توغرىسىدا ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلسىمۇ، «ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغان» بولىدۇ، چۈنكى شەرىئەتلەر پەرقلىق بولسىمۇ ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلمىگەنلا بولسا، يېڭى ۋەھىي بىلەن مەنسۇخ قىلىنمىغىچە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىدۇ[10].

[1] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 48 – ئايەت؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 110 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 50 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 157 – ۋە 158 – ئايەتلەر؛ 61 – سۈرە سەف، 6 – ئايەت.

[4] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 66 – ۋە 68 – ئايەتلەر.

[5] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 170 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 40 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 8 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 8 ~ 20 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 44 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 30 ~ 32 – ۋە 67 – ئايەتلەر؛ 61 – سۈرە سەف، 5 ~ 9 – ئايەتلەر.

[7] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 106 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 174 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ 15 – سۈرە ھىجر، 9 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 88 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 107 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 28 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 41 – ۋە 42 – ئايەتلەر.

[9] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 5  – ئايەت.

[10] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)نىڭ 41 ~ 43 – ئايەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر