قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى، 42 ~ 45 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

مائىدە سۈرىسى، 42 ~ 45 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿سَمَّٰعُونَ لِلۡكَذِبِ أَكَّٰلُونَ لِلسُّحۡتِۚ فَإِن جَآءُوكَ فَٱحۡكُم بَيۡنَهُمۡ أَوۡ أَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡۖ وَإِن تُعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ فَلَن يَضُرُّوكَ شَيۡ‍ٔٗاۖ وَإِنۡ حَكَمۡتَ فَٱحۡكُم بَيۡنَهُم بِٱلۡقِسۡطِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ ٤٢ وَكَيۡفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِندَهُمُ ٱلتَّوۡرَىٰةُ فِيهَا حُكۡمُ ٱللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوۡنَ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَۚ وَمَآ أُوْلَٰٓئِكَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٤٣ إِنَّآ أَنزَلۡنَا ٱلتَّوۡرَىٰةَ فِيهَا هُدٗى وَنُورٞۚ يَحۡكُمُ بِهَا ٱلنَّبِيُّونَ ٱلَّذِينَ أَسۡلَمُواْ لِلَّذِينَ هَادُواْ وَٱلرَّبَّٰنِيُّونَ وَٱلۡأَحۡبَارُ بِمَا ٱسۡتُحۡفِظُواْ مِن كِتَٰبِ ٱللَّهِ وَكَانُواْ عَلَيۡهِ شُهَدَآءَۚ فَلَا تَخۡشَوُاْ ٱلنَّاسَ وَٱخۡشَوۡنِ وَلَا تَشۡتَرُواْ بِ‍َٔايَٰتِي ثَمَنٗا قَلِيلٗاۚ وَمَن لَّمۡ يَحۡكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ ٤٤ وَكَتَبۡنَا عَلَيۡهِمۡ فِيهَآ أَنَّ ٱلنَّفۡسَ بِٱلنَّفۡسِ وَٱلۡعَيۡنَ بِٱلۡعَيۡنِ وَٱلۡأَنفَ بِٱلۡأَنفِ وَٱلۡأُذُنَ بِٱلۡأُذُنِ وَٱلسِّنَّ بِٱلسِّنِّ وَٱلۡجُرُوحَ قِصَاصٞۚ فَمَن تَصَدَّقَ بِهِۦ فَهُوَ كَفَّارَةٞ لَّهُۥۚ وَمَن لَّمۡ يَحۡكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ ٤٥﴾

تەرجىمىسى

42 – ئۇلار دائىم يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى كۆپ يېگۈچىلەردۇر. ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىن ياكى ئۇلاردىن يىراق تۇرغىن. ئەگەر ئۇلاردىن يىراق تۇرساڭ، ئۇلار ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ھۆكۈم قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

43 – ئى مۇھەممەد! ئۇلار ھۆكۈم چىقىرىشقا قانداقمۇ سېنى تەكلىپ قىلسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ يېنىدا تەۋرات بار، تەۋراتتا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار! ئاندىن ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەنە شۇلار ھەرگىزمۇ مۇئمىن ئەمەس.

44 – شۈبھىسىزكى، بىز ھىدايەت ۋە نۇر ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ساقلاشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچى بولغان. ئۇ ھالدا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار ۋە ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار كافىرلاردۇر.

45 – بىز ئۇلارغا تەۋراتتا: «جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە يارىلاندۇرۇشلار ئۆز ئوخشىشى بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ» دەپ يازدۇق. كىم ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتسە، گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر.

تەپسىرى

  1. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالىدىغان ۋە ھارام يەيدىغان ئادەملەردۇر[1]. ئى مۇھەممەد! ئۇلار يېنىڭغا دەۋا – دەستۇر قىلىشىپ كەلسە، ئۇلارنىڭ دەۋاسى ھەققىدە خالىساڭ ھۆكۈم قىلغىن، خالساڭ ھۆكۈم قىلمىغىن. ئۇلار ھەر ئېھتىمالدا ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، لېكىن ھۆكۈم قىلساڭ ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ، شۇنداقلا مۇكاپاتلايدۇ.
  2. ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تەۋرات بار، تەۋراتتا ئۇلار سەندىن سورىغان مەسىلە ھەققىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ساڭا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار ساڭىمۇ، سېنىڭ ھۆكمىڭگىمۇ ۋە تەۋراتقىمۇ ئىشەنمەيدۇ.

ئەسكەرتىش: يەھۇدىيلار قۇلاق بەرگەن يالغان سۆز، ئۆز ئىچىدىكى ئەسكى موللىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قۇرئان كەرىم توغرۇلۇق ئېيتقان يالغان سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  1. ئالدىنقى ئايەتتە يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرىدا تەۋراتنىڭ بارلىقى ۋە تەۋراتنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بارلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، تەۋراتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنىدۇ، تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلغانلار مەدھىيىلىنىدۇ، تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلمىغان يەھۇدىيلارنىڭ كافىر بولۇپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

بىز ئۆز ۋاقتىدا تەۋراتنى نازىل قىلغان. تەۋرات ئىنسانلارنى ھەقكە باشلايتتى، توغرىغا يېتەكلەيتتى، ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرەتتى. ئاللاھقا تەسلىم بولغان پەيغەمبەرلەر (مۇسا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەر) يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلاتتى. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ياخشى ئۆلىمالىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلاتتى، چۈنكى ئۇ زاھىتلار ۋە ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەۋراتنى ساقلاشقا ۋە يەتكۈزۈشكە مەسئۇل قىلىنغان ھەمدە تەۋراتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەر ئىدى. ئى يەھۇدىيلار! تەۋرات ئەنە شۇنداق كىتاب! سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى تەرك ئەتتىڭلار، نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلىدىڭلار، بولۇپمۇ مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنى يوشۇردۇڭلار. بۇ قىلمىشىڭلاردىن يېنىڭلار، تەۋراتقا ئەمەل قىلىشتا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار، تەۋراتنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىش بەدىلىگە دۇنيا مەنپەئەتى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلماسلىق كۇفرىلىقتۇر. شۇڭلاشقا ئىچىڭلاردىن تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلمىغان كىشى كافىر بولۇپ كېتىدۇ.

  1. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتىمۇ تەۋراتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

بىز تەۋراتتا بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دەپ يازدۇق: جانغا جان، كۆزگە كۆز، بۇرۇنغا بۇرۇن، قۇلاققا قۇلاق، چىشقا چىش قىساس ئېلىنىدۇ، يەنى ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، باشقىسىنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزى قۇيۇۋېتىلىدۇ، باشقىسىنىڭ بۇرنىنى كېسىۋەتكەن ئادەمنىڭ بۇرنى كېسىلىدۇ، باشقىسىنىڭ قۇلىقىنى كېسىۋەتكەن ئادەمنىڭ قۇلىقى كېسىلىدۇ، باشقىسىنىڭ چىشىنى سۇندۇرۇۋەتكەن ياكى تۆكۈۋەتكەن ئادەمنىڭ چىشى سۇندۇرۇلىدۇ ياكى تۆكۈۋېتىلىدۇ. شۇنىڭدەك، زەخىملەندۈرۈشلەرنىڭمۇ قىساسى ئېلىنىدۇ، يەنى باشقىسىنىڭ بىرەر ئەزاسىنى ناكار قىلىۋەتكەن ئادەمنىڭ ئوخشاش ئەزاسى ئوخشاش شەكىلدە ناكار قىلىنىدۇ. لېكىن زىيانلانغۇچى تەرەپ جاۋابكارنى ئەپۇ قىلسا ۋە قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، بۇ ئۇ كىشىنىڭ (ئەپۇ قىلغۇچىنىڭ) گۇناھلىرىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. كىمكى، ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلمىسا، يەنى قىساس ئۈچۈن قاتىلدىن باشقىسىنى ئۆلتۈرسە، ياكى بىر كىشىنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرسە، ياكى زەخملەندۈرۈشلەردە بىر كۆزنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر قۇلاققا ئىككى قۇلاق، بىر چىشقا ئىككى چىش ناكار قىلىش… دېگەندەك ئىشلارنى قىلسا، مانا بۇنداق قىلغانلار زالىملىق قىلغان بولىدۇ، ھەددىدىن ئاشقان بولىدۇ.

[1] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 160 – ۋە 161 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر