قۇرئان يولى
مائىدە سۈرىسى، 38 ~41 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى 1

مائىدە سۈرىسى، 38 ~41 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى

﴿ وَٱلسَّارِقُ وَٱلسَّارِقَةُ فَٱقۡطَعُوٓاْ أَيۡدِيَهُمَا جَزَآءَۢ بِمَا كَسَبَا نَكَٰلٗا مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ ٣٨ فَمَن تَابَ مِنۢ بَعۡدِ ظُلۡمِهِۦ وَأَصۡلَحَ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَتُوبُ عَلَيۡهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ ٣٩ أَلَمۡ تَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ يُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ وَيَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ ٤٠ ۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ لَا يَحۡزُنكَ ٱلَّذِينَ يُسَٰرِعُونَ فِي ٱلۡكُفۡرِ مِنَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَلَمۡ تُؤۡمِن قُلُوبُهُمۡۛ وَمِنَ ٱلَّذِينَ هَادُواْۛ سَمَّٰعُونَ لِلۡكَذِبِ سَمَّٰعُونَ لِقَوۡمٍ ءَاخَرِينَ لَمۡ يَأۡتُوكَۖ يُحَرِّفُونَ ٱلۡكَلِمَ مِنۢ بَعۡدِ مَوَاضِعِهِۦۖ يَقُولُونَ إِنۡ أُوتِيتُمۡ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِن لَّمۡ تُؤۡتَوۡهُ فَٱحۡذَرُواْۚ وَمَن يُرِدِ ٱللَّهُ فِتۡنَتَهُۥ فَلَن تَمۡلِكَ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِ شَيۡ‍ًٔاۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَمۡ يُرِدِ ٱللَّهُ أَن يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمۡۚ لَهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا خِزۡيٞۖ وَلَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٞ ٤١ ﴾

تەرجىمىسى

38 – ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار. بۇ ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

39 – كىمكى خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزىتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.

40 – ئى مۇھەممەد! بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

41 – ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنىڭ ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.

تەپسىرى

  1. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (33 – ئايەتتە) باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق بىلەن ئاشكارا ئېلىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان جازانى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە (38 – ئايەتتە) باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىق بىلەن يوشۇرۇنچە ئېلىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان جازانى بىلدۈرىدۇ.

ئايەتتە «كېسىڭلار!» دېگەن بۇيرۇققا، «بۇ، ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دەپ سەۋەب بايان قىلىنىشى، «كېسىش»نىڭ ھەقىقىي مەنىدە، يەنى بىرەر تىغلىق ئەسۋاب بىلەن ئوغرىنىڭ قولىنى بېغىشىدىن ئايرىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئوغرى كېسىلگەن قولى بىلەن ھەم قىلمىشىنىڭ جازاسىنى چېكىدۇ، ھەمدە باشقىلارغا ئىبرەت بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەزىزلىكى (غالىب ئىكەنلىكى) ۋە ھېكمىتىمۇ ئوغرىنىڭ قولى ھەقىقىي مەنىدە كېسىلگەندە نامايان بولىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئى مۇئمىنلار! ئوغرىلىق قىلغان ئەر ۋە ئوغرىلىق  قىلغان ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار. بۇ كېسىش ئوغرىلارنىڭ قىلمىشلىرىغا جازا بولۇشى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن خەلقىئالەمگە ئىبرەت بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىشقا قادىردۇر، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان ھېچقانداق كۈچ يوقتۇر، لېكىن ئاللاھ قۇدرىتىنى ئۆز ھېكمىتى بويىچە ئىشلىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالانىڭ ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشكە قىلغان ھۆكمى، بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ يېڭىلمەيدىغان قۇدرىتىگە دالالەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنىڭ ئىنتىقام ئالغانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئوغرىلىق جىنايىتىگە مۇۋاپىق جازا ئىكەنلىكى، باشقىلارنىڭ كېسىلگەن قولنى كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئوغرىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى، شۇنداقلا مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئېلىنىشى قاتارلىق چوڭقۇر مەنىلەرگە دالالەت قىلىدۇ.

39 – 40. ئالدىنقى ئايەتتە ئوغرىغا قولى كېسىلىش جازاسى بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ئوغرىنىڭ قولى كېسىلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئوغرىلىق قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەن (يەنى پۇشايمان قىلىپ، ئوغرىلىغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن) كىشىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يەنى ئۇكىشىنىڭ قولى كېسىلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھىدۇر، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ ئەر – ئايال ئوغرىلارنىڭ قوللىرىنى كەستۈرۈپ ئازابلايدۇ. تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ئوغرىلارنى ئەپۇ قىلىدۇ. ھۆكۈمنى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ. ھېچكىم ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئېتىراز قىلالمايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئوغرىغا قانچىلىك مىقداردا بىر نەرسە ئوغرىلىسا قول كېسىش جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، قايسى قولىنىڭ كېسىلىدىغانلىقى ۋە قەيەردىن كېسىلىدىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار مۇناسىۋەتلىك سۈننەتتە (سەھىھ ھەدىسلەردە) بايان قىلىنىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كافىرلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقىغا غەمكىن بولاتتى. خۇسۇسەن مۇنافىقلارنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىگە ۋە ئەھلى كىتابنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى ئىنكار قىلىشىغا بەك ئېچىناتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەزىدە بۇ ھەقتە تەسەللىي بېرىدۇ، بەزىدە غەمكىن بولماسلىققا ئۈندەپ نەسىھەت قىلىدۇ[2]. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (41 ~ 43 – ئايەتلەردە) مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامغا ئەلچىلىك سۈپىتى بىلەن خىتاب قىلىپ، مۇنافىقلارنىڭ ۋە يەھۇدىيلارنىڭ كۇفرىدا ئەزۋەيلىشىگە قايغۇرماسلىقى، غەمكىن بولماسلىقى ۋە ئىچىنى پۇشۇرماسلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ، چۈنكى ھەر پۇرسەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يامانلىق قىلىدىغان مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن قۇۋلۇق – شۇملۇقلارنى قىلىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسىي ئامىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇشى ئىدى.

شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يەھۇدىيلارنىڭ بىر قىسىم قەبىھلىكلىرىنى ۋە ئاقىۋىتىنى بايان قىلىپ تەسەللىي بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا ئىختىيارنى ئۆزىگە قويىدۇ ۋە ھۆكۈم قىلماقچى بولسا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ مۇئمىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلار ئۆزئارا كېڭىشىپ تەۋراتنىڭ «زىناخورنى چالما – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش» ھەققىدىكى ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئۇ ئىلاھىي جازانىڭ ئورنىغا دەررە ئۇرۇش ۋە يۈزىگە قارا سۈركەپ ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈشنى «زىناخورنىڭ جازاسى» قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداقلا بۇ «يېڭى جازا»نى ئۆز ئىچىدىن زىنا قىلغانلارغا ئىجرا قىلىپ كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە بىر زىنا جىنايتى سادىر بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ چوڭلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە: «مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئۇ ئەگەر بىزنىڭ يېڭى ھۆكمىمىز بويىچە دەررە ئۇرۇش ۋە يۈزىگە قارا سۈركەپ ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈشكە ھۆكۈم قىلسا، قوبۇل قىلىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھقا: ‹سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭدىن بىر پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش قىلدۇق› دەپ باھانە كۆرسىتىڭلار. ئۇ ناۋادا تەۋراتتىكى ئەسلى ھۆكۈم بويىچە چالما – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلسا، ئۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلماڭلار» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتلەر نازىل بولغان[3].

ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى ئەلچىمىز! كۇفرىلىقتا مۇسابىقىلىشىۋاتقان مۇنافىقلارغا ۋە يەھۇدىيلارغا قاراپ غەمكىن بولمىغىن، خاپا بولۇپ كەتمىگىن، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن. يەھۇدىيلار شۇنداق خەقكى يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، ‹مۇھەممەد سىلەرگە بۇنداق ھۆكۈم قىلسا قوبۇل قىلىڭلار، بۇنداق ھۆكۈم قىلمىسا قوبۇل قىلماڭلار› دەيدۇ، سەن قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئازدۇرۇۋاتقان كىشىدىن ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىنى دەپئى قىلالمايسەن. ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ قەلبىنى ھەسەت ۋە نىفاقتىن پاكلىمىغان كىشىلەر بولۇپ، دۇنيادا رەسۋاچىلىققا، ئاخىرەتتە بۈيۈك ئازابقا مەھكۇم بولىدۇ.

[1] قاراڭ: 26 – سۈرە شۇئەرا، 88 – ۋە 89 – ئايەتلەر؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 37 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 3- سۈرە ئال ئىمران، 176 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 33 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 65 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 6 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 3 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 23 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 76 – ئايەت.

[3] تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان، 10: 303 – 306؛ فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 11: 359؛ ئىبنى كەسىر، تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم، 3: 102.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر