﴿مِنۡ أَجۡلِ ذَٰلِكَ كَتَبۡنَا عَلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَنَّهُۥ مَن قَتَلَ نَفۡسَۢا بِغَيۡرِ نَفۡسٍ أَوۡ فَسَادٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ ٱلنَّاسَ جَمِيعٗا وَمَنۡ أَحۡيَاهَا فَكَأَنَّمَآ أَحۡيَا ٱلنَّاسَ جَمِيعٗاۚ وَلَقَدۡ جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُنَا بِٱلۡبَيِّنَٰتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرٗا مِّنۡهُم بَعۡدَ ذَٰلِكَ فِي ٱلۡأَرۡضِ لَمُسۡرِفُونَ ٣٢ إِنَّمَا جَزَٰٓؤُاْ ٱلَّذِينَ يُحَارِبُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَسۡعَوۡنَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَسَادًا أَن يُقَتَّلُوٓاْ أَوۡ يُصَلَّبُوٓاْ أَوۡ تُقَطَّعَ أَيۡدِيهِمۡ وَأَرۡجُلُهُم مِّنۡ خِلَٰفٍ أَوۡ يُنفَوۡاْ مِنَ ٱلۡأَرۡضِۚ ذَٰلِكَ لَهُمۡ خِزۡيٞ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ ٣٣ إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ مِن قَبۡلِ أَن تَقۡدِرُواْ عَلَيۡهِمۡۖ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ٣٤ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱبۡتَغُوٓاْ إِلَيۡهِ ٱلۡوَسِيلَةَ وَجَٰهِدُواْ فِي سَبِيلِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ ٣٥ إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ أَنَّ لَهُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا وَمِثۡلَهُۥ مَعَهُۥ لِيَفۡتَدُواْ بِهِۦ مِنۡ عَذَابِ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَا تُقُبِّلَ مِنۡهُمۡۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ ٣٦﴾
تەرجىمىسى
32 – شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنداق ھۆكۈملەرنى بەلگىلىدۇق: «كىم ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىم بىر ئادەمنى ياشىتىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ياشاتقاندەك بولىدۇ». شۈبھىسىزكى، ئەلچىلىرىمىز ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇ دەلىللەردىن كېيىن زېمىندا ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشماقتىدۇر.
33 – ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى دارغا ئېسىلىدۇ ياكى قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئوڭ – چەپ قىلىپ كېسىلىدۇ ۋە ياكى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا رەسۋاچىلىقتۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
34 – سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
35 – ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
36 – كافىرلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلىپ بەرسىمۇ، بۇ ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
تەپسىرى
- يەر يۈزىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، (يۇقىرىدىكى 27 ~ 31 – ئايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك) تۇنجى بولۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ھەسەت قىلىپ يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن باشلانغان، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان جىنايەتكە ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا نازىل قىلغان كىتابلىرىدا «كىم ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىم بىر ئادەمنى ياشىتىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ياشاتقاندەك بولىدۇ» دەپ يازغان.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە باشتا يېزىشىنىڭ سەۋەبىنى، ئاندىن يازغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يېزىلغان ئۇ ئىپادىنىڭ مەزمۇنىدىن تۆۋەندىكى ئىككى ھۆكۈم چىقىدۇ:
1) ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنى قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ.
2) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا دەخلى يەتكۈزگەن ۋە ھاياتنىڭ نورمال ئېقىشىغا توسالغۇ بولغانلارنى (بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى 33 – ئايەتتە كۆرسىتىلگەن بويىچە) ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بەنى ئىسرائىلغا ئەلچىلەر ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەلچىلەرنىڭ ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بەنى ئىسرائىلنىڭ تولىسىنىڭ ئەلچىلەر مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەنى ئىسرائىلغا نازىل قىلىنغان كىتابلارغا يېزىلىشى، بەنى ئىسرائىلنىڭ باغرى تاش، ھەسەتخور ۋە قانخور قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. دەرۋەقە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى كۆپ يۈز بېرەتتى، ھەتتا ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ۋە ھەققانىيەتكە بۇيرۇغان كىشىلەرنىمۇ ناھەق ئۆلتۈرەتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن بۇ ھەقتە ئالاھىدە ئەھدىمۇ ئالغان[1].
33 – 34. «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇشۇش» – ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بويىچە تۈزۈلگەن ۋە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش ۋە ئىسيان كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بولسا، ئوت قويۇش، پارتىلىتىش، زەھەر سېلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش، قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت سېلىش ۋە ئاسايىشنى بۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىككى جىنايەت بىر جىنايەتتۇر.
بۇ يەردە بىرىنچى ئايەت (33 – ئايەت)، ئەنە شۇ جىنايەتكە بۇ دۇنيادا بېرىلىدىغان جازا قانۇنىنىڭ ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ئۇ جىنايەتلەرنىڭ تۈرلىرىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇ ماددىلار تۆۋەندىكىچە:
1) ئەگەر جىنايەتچىلەر پەقەت ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىلا ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ.
2) ئەگەر جىنايەتچىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە مال – مۈلۈك بۇلاشتىن ئىبارەت ئىككى جىنايەتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇلار دارغا ئېسىلىدۇ.
3) ئەگەر جىنايەتچىلەر مال – مۈلۈك بۇلاش جىنايىتىنىلا ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قول – پۇتلىرى ئوڭ – چەپ قىلىپ (ئوڭ قوللىرى بىلەن سول پۇتلىرى) كېسىلىدۇ.
4) ئەگەر جىنايەتچىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە مال – مۈلۈك بۇلاش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزمەستىن، پەقەت قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ ئىنسانلارنى قورقۇتۇش جىنايىتىنلا ئۆتكۈزگەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
ئەنە شۇ جازالار بۇ جىنايەتچىلەرگە دۇنيادا بېرىلىدىغان جازالاردۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان جازاغا كەلسەك، ئۇ، دوزاخقا تاشلىنىپ بۈيۈك ئازابقا دۇچار قىلىنىش جازاسىدۇر.
ئاللاھ تائالا ئىككىنچى ئايەتتە (34 – ئايەتتە)، ئۇ جىنايەتلەرنى قىلغانلار ناۋادا قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلسا (يەنى پۇشايمان قىلىپ تەسلىم بولسا)، ئۇلاردىن مەزكۇر جازالارنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقىنى، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تەرەپنىڭ ھەققى ساقىت بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى يۇقىرىدىكى جازالار ئاللاھنىڭ ھەققى بولۇپ، ئاللاھ تەۋبە قىلغان جىنايەتچىدىن ئۇنى ساقىت قىلىدۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەقلەر ئۆز پېتى قىلىۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا تەۋبە قىلغان جىنايەتچىلەر ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ياكى كىشىلەرنىڭ ۋارىسلىرى تەلەپ قىلغان تەقدىردە ئۇلار (قاتىللار) قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ۋارىسلار خالىسا قىساستىن ۋاز كېچىپ دىيەت ئالىدۇ ياكى تامامەن ئەپۇ قىلىدۇ[2]. شۇنىڭدەك، تەۋبە قىلغان جىنايەتچىلەر بۇلىغان مال – مۈلۈكنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى تۆلەپ بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە، مەزكۇر جىنايەتلەرگە بېرىلىدىغان جازالارنىڭ كۆپلۈكنى ئىپادىلەيدىغان پېئىل تۈرلىرى (گىرامماتىك فورمىلىرى) بىلەن ئىپادىلىنىشى ئۇ جىنايەتلەرنى قىلغانلارنىڭ بىردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە تەشكىللىك ھالدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يەردە يەنە مۇھىم نۇقتا شۇكى: مەزكۇر جىنايەتچىلەر تۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا قوبۇل قىلىنمايدۇ.
- ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى ئۈچ ئىشقا بۇيرۇيدۇ:
1) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش،
2) ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەش،
3) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش.
بۇ ئىشلارنىڭ بىرىنچىسى ئىككىنچىسىنىڭ سەۋەبى، ئىككىنچىسى بىرىنچىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۈچىنچىسى بولسا، بىرىنچىسى ۋە ئىككىنچىسىنىڭ مىسالىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغان، يەنى ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلغان ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يانغان كىشى، بۇ قىلمىشى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدىگەن، شۇنداقلا ئاللاھقا يېقىنلاشقان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا ئوخشاش تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلغان كىشى، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى توغرا ئىزدىگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا «پالانىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى، پوكۇنىنڭ يۈز – ئابرۇيى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى توغرا ئىزدىگەنلىك بولمايدۇ، چۈنكى كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان يول، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىشتۇر[3]. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇئاسىدا «ئى ئاللاھ! پالانىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىدىن ماڭا شۇنى ئاتا قىلغىن» دېگەن كىشى تۆۋەندىكى ئۈچ سۆزنىڭ بىرىنى قىلغان بولىدۇ:
1) «ئى ئاللاھ! ئۇ پالانىنىڭ سەندىن ئالىدىغان ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ ماڭا بەرگىن»،
2) «ئى ئاللاھ! ئۇ پالانى قىلغان ئىشنىڭ ساۋابىدىن ماڭىمۇ بەرگىن»،
3) «ئى ئاللاھ! ئۇ پالانىنىڭ ھۇزۇرىڭدىكى ھۆرمىتى سەۋەبىدىن ماڭا شۇنى بەرگىن».
بۇ سۆزلەرنىڭ بىرىنچىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەدەپسىزلىكتۇر، چۈنكى ھېچكىمنىڭ ئاللاھتىن ئالىدىغان ھەققى يوق.
ئىككىنچىسى بولسا ئاللاھنىڭ مۇكاپات ۋە جازا بېرىشتىكى قانۇنىنى بىلمىگەنلىكتۇر، چۈنكى ئاللاھ كىم ياخشى ئىش قىلسا مۇكاپات، كىم يامان ئىش قىلسا جازا بېرىدىغانلىقىنى[4]، ھەر كىشىنىڭ ئۆز يامانلىقىنىڭ جازاسىنى ئۆزى چېكىدىغانلىقىنى ۋە ئۆز ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى ئالىدىغانلىقىنى[5] ئالدىنئالا بىلدۈرگەن.
ئۈچىنچىسىگە كەلسەك، بۇ سۆزمۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەددىنى بىلمىگەنلىكتۇر، چۈنكى بىر كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھۆرمىتى بار ياكى يوقلۇقىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆز باشقىسىنى پاك ھېسابلىغانلىق بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئىنساننىڭ باشقىسىنى تۈگۈل ئۆزىنى پاك ھېسابلىشىنىمۇ ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن توسىدۇ[6].
ناۋادا ئۇ پالانىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا راستىنلا ھۆرمىتى بولغان تەقدىردە، بۇ ھۆرمەت ئۇ كىشىنىڭ تەقۋالىق قىلغانلىقىغا ئاللاھ ئاتا قىلغان مۇكاپات بولۇپ، پايدىسىنى قىيامەت كۈنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى كۆرىدۇ، يەنى مەزكۇر ھۆرمەتنىڭ بۇ دۇنيادا قازىنىلىشىدا شېپى كەلتۈرگەن ئادەمنىڭ ھېچقانداق تۆھپىسى يوق، ئاخىرەتتە پايدىسىنى كۆرۈشتىمۇ ھەققى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭ پايدىسىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك پەقەت ئۆز ئىگىسىلا كۆرىدۇ.
ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق باشقىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھۆرمىتى بارلىقىنى تەخمىن قىلىپ، ئاندىن ئۇ تەخمىنىي ھۆرمەتنى ئۆزىنىڭ ياخشىلىقى سۈپىتىدە ئاللاھقا تەڭلەش ھەقىقەتەن يۈزسىزلىك ۋە ھاماقەتلىكتۇر، شۇنداقلا دىننى بىلمىگەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر[7].
شۇنىڭدەك، دۇئادا «ئۇلۇغلارنى شېپى كەلتۈرۈش، ئەۋلىيادىن مەدەت، پەيغەمبەردىن شاپائەت تىلەش»كە ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشمۇ، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى توغرا ئىزدىمىگەنلىك بولىدۇ، ئەكسىچە ئاللاھقىلا قىلىنىشى كېرەك بولغان دۇئانى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ[8].
[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 74 -، 84 -، 87 – ۋە 109 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 21 – ۋە 112 – ئايەتلەر؛ مۇشۇ سۈرە (مائىدە)، 13 – ۋە 70 – ئايەتلەر.
[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 178 – ۋە 179 – ئايەتلەر.
[3] قاراڭ: 34 – سۈرە سەبەئـ، 37 – ئايەت.
[4] قاراڭ: 30 – سۈرە رۇم، 44 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 40 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 46 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 15 – ئايەت.
[5] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 15 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 18 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 7 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 38 ~ 42 – ئايەتلەر.
[6] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 47 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 32 – ئايەت.
[7] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 134 – ۋە 141 – ئايەتلەر؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 164 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 15 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 18 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 7 – ئايەت؛ 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 38 ~ 41 – ئايەتلەر.
[8] قاراڭ: 1- سۈرە فاتىھە، 5 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 18 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 40 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 4 ~ 6 – ئايەتلەر؛ 98 – سۈرە بەييىنە، 5 – ئايەت.






