قۇرئان يولى
مائىدە، 112 ~ 120 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى داستىخاننىڭ نازىل بولۇشى ۋە ئاللاھ بىلەن ئىيسانىڭ دىئالوگى 1

مائىدە، 112 ~ 120 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ داستىخاننىڭ نازىل بولۇشى ۋە ئاللاھ بىلەن ئىيسانىڭ دىئالوگى

إِذۡ قَالَ ٱلۡحَوَارِيُّونَ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ هَلۡ يَسۡتَطِيعُ رَبُّكَ أَن يُنَزِّلَ عَلَيۡنَا مَآئِدَةٗ مِّنَ ٱلسَّمَآءِۖ قَالَ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ ١١٢ قَالُواْ نُرِيدُ أَن نَّأۡكُلَ مِنۡهَا وَتَطۡمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعۡلَمَ أَن قَدۡ صَدَقۡتَنَا وَنَكُونَ عَلَيۡهَا مِنَ ٱلشَّٰهِدِينَ ١١٣ قَالَ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ ٱللَّهُمَّ رَبَّنَآ أَنزِلۡ عَلَيۡنَا مَآئِدَةٗ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ تَكُونُ لَنَا عِيدٗا لِّأَوَّلِنَا وَءَاخِرِنَا وَءَايَةٗ مِّنكَۖ وَٱرۡزُقۡنَا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ ١١٤ قَالَ ٱللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيۡكُمۡۖ فَمَن يَكۡفُرۡ بَعۡدُ مِنكُمۡ فَإِنِّيٓ أُعَذِّبُهُۥ عَذَابٗا لَّآ أُعَذِّبُهُۥٓ أَحَدٗا مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ ١١٥ وَإِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ءَأَنتَ قُلۡتَ لِلنَّاسِ ٱتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيۡنِ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالَ سُبۡحَٰنَكَ مَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أَقُولَ مَا لَيۡسَ لِي بِحَقٍّۚ إِن كُنتُ قُلۡتُهُۥ فَقَدۡ عَلِمۡتَهُۥۚ تَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِي وَلَآ أَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِكَۚ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ ١١٦ مَا قُلۡتُ لَهُمۡ إِلَّا مَآ أَمَرۡتَنِي بِهِۦٓ أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۚ وَكُنتُ عَلَيۡهِمۡ شَهِيدٗا مَّا دُمۡتُ فِيهِمۡۖ فَلَمَّا تَوَفَّيۡتَنِي كُنتَ أَنتَ ٱلرَّقِيبَ عَلَيۡهِمۡۚ وَأَنتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ ١١٧ إِن تُعَذِّبۡهُمۡ فَإِنَّهُمۡ عِبَادُكَۖ وَإِن تَغۡفِرۡ لَهُمۡ فَإِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ ١١٨ قَالَ ٱللَّهُ هَٰذَا يَوۡمُ يَنفَعُ ٱلصَّٰدِقِينَ صِدۡقُهُمۡۚ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ ١١٩ لِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا فِيهِنَّۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرُۢ ١٢٠

تەرجىمىسى

112 – ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئىيسا: «مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېدى.

113 – ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، قەلبلىرىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سېنىڭ بىزگە راست سۆزلىگەنلىكىڭنى بىلىشنى ۋە شاھىتلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى.

114 – مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگىنكى، بىز ئۈچۈن، ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».

115 – ئاللاھ: «مەن ئۇ داستىخاننى سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىم تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ئۇنى شۇنداق ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئالەملەردىن ھېچكىمنى ئۇ ئازاب بىلەن ئازابلىمايمەن» دېدى.

116 – ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار» دېگەن سەمۇ؟ ئىيسا ئېيتىدۇ: «ياق! مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن.

117 – مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.

118 – ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».

119 – ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر. ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر».

120 – ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

تەپسىرى

112. ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار ئىيساغا، «ئى ئىيسا! رەببىڭگە دۇئا قىلساڭ بىزگە بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى ئەسلىدە تەلەپ ۋە ئىلتىماس ئۈچۈن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆز ئىپادىلىنىشتە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىدە شۈبھىلەنگەنلىك پۇرىقى بېرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بۇنداق سۆزنى قىلماڭلار!» دېگەن مەنىدە نەسىھەت قىلغان.

  1. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەقسىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەقسىتىمىز ئۇ داستىخاندىكى تائامدىن يەپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بولغان ئىمانىمىزنى كۈچەيتىش، سېنىڭ بىزگە راست ئېيتقانلىقىڭنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ بىلىش ۋە بۇ مۆجىزىنى كۆرمىگەنلەرنىڭ يېنىدا بۇنى كۆرگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۋاھلىق بېرىشتۇر».

114 – 115. ھەۋارىيلارنىڭ ئالدىنقى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان تەلىپى بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغان، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىغا جاۋابەن، ئۇلارغا تەلەپ قىلغان داستىخاننى چۈشۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن داستىخان چۈشكەندىن كېيىن كۇفرىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاندىن داستىخاننى چۈشۈرگەن ۋە كۇفرىلىق قىلغانلارنى توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن[1].

«ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن» – ئۇ داستىخان چۈشكەن كۈن بىزلەر ئۈچۈن ۋە بىزدىن كېيىنكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بايرام كۈنى بولسۇن. ئۇ داستىخان سېنىڭ بىزگە بەرگەن مۆجىزەڭ بولسۇن، دېمەكتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ 109 – ئايەتتە ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنى بارلىق ئەلچىلىرىدىن سوئال سورايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ لايىقىدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 116 ~ 119 – ئايەتلەردە بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئالاھىدە بىر سوئال سورايدىغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ لايىقىدا جاۋاب بېرىدىغانلىقى، ئۇ سوئال – جاۋابنىڭ نېمىلىكى ۋە قىيامەت كۈنى نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلارنىڭ كىملىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتا – ئۆزى ئوبدان بىلگەن تۇرۇقلۇق – خرىستىئانلارنىڭ مۇشرىكلىقىنى ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ مۇشرىكلىقىدا ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېگەن كىشى سەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
  2. ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «ياق! مەن ئەمەس، مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن، مېنىڭ مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئى ئاللاھ! ئەگەر ئۇ سۆزنى مەن ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن.‏ مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. ئى ئاللاھ ! مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.‏
  3. ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».‏
  4. ئالاھ ئېيتىدۇ: «بۇ، راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر، ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار، ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر».

بۇ يەردىكى «راستچىللار» – دۇنيادا ئەقىدىسى توغرا، نىيىتى خالىس، سۆزى راست ۋە ئەمىلى ياخشى بولۇپ ياشىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئايەتتە مۇئمىنلارنى تەقۋادارلىققا ۋە راستچىللار بىلەن بولۇشقا بۇيرۇشى[2]، يەنە بىر ئايەتتە تەقۋادارلارنىڭ قىيامەت كۈنى «راستچىللىق ماقامىدا» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى[3] بۇنى كۆرسىتىدۇ.

  1. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (116 ~ 119 -) ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن سورايدىغان بىر سوئالىنى ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، خرىستىئانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسلام ۋە ئۇنىڭ ئانىسى (ھەزرىتى مەريەم) توغرىسىدىكى ئېتىقادىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن بۇ (120 -) ئايەتتە ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇ بايانىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئى خرىستىئانلار! ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئاللاھ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان، ئۇلارنى ئاللاھ ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇۋاتىدۇ، ئۆزى يالغۇز باشقۇرۇۋاتىدۇ، ھېچ نەرسە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمرىدىن چىقالمايدۇ. جۈملىدىن ئىيسا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەممۇ شۇنداق. ئاللاھنىڭ يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا ۋە مەخلۇقاتى تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولۇشتا شېرىكى يوق. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ بار بولۇشتا ئوخشىشى، قۇدرەتتە تەڭدىشى، ھاكىمىيەتتە ياردەمچىسى يوقتۇر[4]. ئۇنداقتا، ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ بىرى بولغان ئىيسا قانداقمۇ «ئىلاھ» بولسۇن؟! ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم قانداقمۇ «ئىلاھ ئانىسى» بولسۇن؟!

[1] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (مائىدە)نىڭ 78 ~ 81 – ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى.

[2] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 119 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 54 – سۈرە قەمەر، 54 – ۋە 55 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 116 – ئايەت؛ 17- سۈرە ئىسرا، 111 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 2 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا 11 – ئايەت؛ 57- سۈرە ھەدىد، 3- ئايەت؛ 112 – سۈرە ئىخلاس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر