قۇرئان يولى
مائىدە، 106 ~ 108 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى قەرزدە گۇۋاھچىلىق 1

مائىدە، 106 ~ 108 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ قەرزدە گۇۋاھچىلىق

قەرز مۇئامىلىسىدە گۇۋاھچى كەلتۈرۈش

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ شَهَٰدَةُ بَيۡنِكُمۡ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ حِينَ ٱلۡوَصِيَّةِ ٱثۡنَانِ ذَوَا عَدۡلٖ مِّنكُمۡ أَوۡ ءَاخَرَانِ مِنۡ غَيۡرِكُمۡ إِنۡ أَنتُمۡ ضَرَبۡتُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَأَصَٰبَتۡكُم مُّصِيبَةُ ٱلۡمَوۡتِۚ تَحۡبِسُونَهُمَا مِنۢ بَعۡدِ ٱلصَّلَوٰةِ فَيُقۡسِمَانِ بِٱللَّهِ إِنِ ٱرۡتَبۡتُمۡ لَا نَشۡتَرِي بِهِۦ ثَمَنٗا وَلَوۡ كَانَ ذَا قُرۡبَىٰ وَلَا نَكۡتُمُ شَهَٰدَةَ ٱللَّهِ إِنَّآ إِذٗا لَّمِنَ ٱلۡأٓثِمِينَ ١٠٦ فَإِنۡ عُثِرَ عَلَىٰٓ أَنَّهُمَا ٱسۡتَحَقَّآ إِثۡمٗا فَ‍َٔاخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَحَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَوۡلَيَٰنِ فَيُقۡسِمَانِ بِٱللَّهِ لَشَهَٰدَتُنَآ أَحَقُّ مِن شَهَٰدَتِهِمَا وَمَا ٱعۡتَدَيۡنَآ إِنَّآ إِذٗا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ ١٠٧ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن يَأۡتُواْ بِٱلشَّهَٰدَةِ عَلَىٰ وَجۡهِهَآ أَوۡ يَخَافُوٓاْ أَن تُرَدَّ أَيۡمَٰنُۢ بَعۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱسۡمَعُواْۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ ١٠٨﴾

تەرجىمىسى

106 – ئى مۇئمىنلار! بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، سىلەردىن ئادالەتلىك ئىككى كىشى ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولسۇن. ياكى سىلەر سەپەردە بولۇپ بېشىڭلارغا ئۆلۈم مۇسىبىتى كەلسە، سىلەردىن بولمىغان باشقا ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر گۇمانلانساڭلار ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنى نامازدىن كېيىن توختىتىسىلەر، ئاندىن ئۇلار مۇنداق دەپ قەسەم قىلىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز پايدىسىغا قەسەم قىلىدىغان كىشى تۇغقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ بىز قەسىمىمىزنى ھېچبىر بەدەلگە ساتمايمىز، ئاللاھ ئۈچۈن بېرىلگەن گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنداق قىلساق بىز چوقۇم گۇناھكارلاردىن بولىمىز».

107 – ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىرەر گۇناھ قىلغانلىقى بايقالسا، زىيانغا ئۇچرىتىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئەڭ لايىق بولغان باشقا ئىككى كىشى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، مۇنداق دەپ قەسەم قىلىدۇ: «ئەلۋەتتە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن توغرىدۇر، بىز ھەددىمىزدىن ئاشمىدۇق. ئەگەر ئۇنداق قىلساق بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز».

108 – بۇ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقنى ئۆز يولى بىلەن ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياكى ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىدىن كېيىن باشقا قەسەملەرنىڭ قىلىنىشىدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قۇلاق سېلىڭلار. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

تەپسىرى

106 ~ 108. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ھۆججەتسىز ۋە گۇۋاھچىسىز  قەرز ئالغان مۇئمىننى، قەرزىنى تۆلەشتىن ئىلگىرى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولسا ئادىل ئىككى مۇسۇلماننى، سەپەر ئۈستىدە چېغىدا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولسا (زۆرۈرىيەتتىن) مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ، ئۇ قەرزنى تۆلەشنى ۋارىسلىرىغا تاپىلاپ قويۇشىنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزئارا قەرز مۇئامىلە ۋە ئۆتنە – يېرىم ئىشلىرىغا رۇخسەت بېرىش بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىشنىڭ ئۈچ تۈرلۈك يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يوللار تۆۋەندىكىچە:

1) قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقاندا مۇناسىۋەتلىك ھەر ئىش ئەتراپلىق شەكىلدە يېزىلىدۇ ۋە ئىككى گۇۋاھچى گۇۋاھ قىلىنىدۇ.

2) قەرز مۇئامىلىسى قىلىشماقچى بولغانلار سەپەر ئۈستىدە بولۇپ يېزىپ بېرىدىغان ئادەم تاپالمىسا، قەرز ئالماقچى بولغان تەرەپ قەرز بەرمەكچى بولغان تەرەپكە قىممەتلىك بىرەر نەرسىسىنى گۆرۈگە قويۇپ، ئاندىن ئىككى تەرەپ بۇ مۇئامىلىنى قىلىدۇ.

3) ئەگەر قەرز بەرگۈچى قەرز سورىغۇچىغا ئىشەنسە، يېزىش، گۇۋاھچى ھازىر قىلىش ۋە بىرەر نەرسە گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلماستىن قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقا بولىدۇ[1].

نەتىجىدە مېيىتنىڭ ئىككى تۈرلۈك قەرزى بولۇش ئېھتىمالى بولىدۇ: بىرى ھۆججەت بىلەن ئىسپاتلانغان قەرزى، يەنە بىرى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ ئېتىراپ قىلغان قەرزى.

ۋارىسلار مىراس تەقسىماتىدىن ئىلگىرى مانا بۇ ئىككى تۈرلۈك قەرزنى تۆلىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ[2].

مېيىتنىڭ قەرز بەرگۈچىگە بىرەر نەرسىسىنى گۆرۈگە قويۇپ ئالغان قەرزىگە كەلسەك، بۇ ئىشتا مېيىتنىڭ زىممىسىدە قەرز ئەمەس، ئەكسىچە باشقىسىدا ئېلىشى بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئادەتتە گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنىڭ قىممىتى ئېلىنغان قەرزدىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر بىرەر كىشى بۇ شەكىلدە قەرز ئېلىپ، ھايات ۋاقتىدا قەرزىنى تۆلەپ گۆرۈگە قويغان نەرسىسىنى تاپشۇرۇپ ئالماستىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، قەرەل توشمىغان تەقدىردە ۋارىسلار مىراس مالدىن مەزكۇر قەرزنى تۆلەپ گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنى، قەرەل توشقان ۋە قەرز بەرگۈچى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە (مەھكىمىنىڭ قارارى ياكى ئەسلىي مۇئامىلىنى قىلىشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە) گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنىڭ ئارتۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، شۇنداقلا مىراس قاتارىدا ئۈلۈشىدۇ.

ئەسكەرتىش: «ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىرەر گۇناھ قىلغانلىقى بايقالسا» – ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتنى ئۆزگەرتىش ياكى يالغان قەسەم قىلىش ۋە ياكى مىراسقا خىيانەت قىلىش ئارقىلىق گۇناھ قىلغانلىقى بايقالسا. دېمەكتۇر.

«ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىدىن كېيىن باشقا قەسەملەرنىڭ قىلىنىشىدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر» – ئۆزلىرى يالغان قەسەم قىلغان ۋە بۇ قەسەمنىڭ يالغانلىقى باشقىلار تەرىپىدىن بايقالغان تەقدىردە باشقا گۇۋاھچىلار قەسەم قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ قەسەم قىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ قەسىمى بىكار بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار رەسۋا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۇلارنىڭ مانا بۇ رەسۋاچىلىقتىن قورقۇپ گۇۋاھچىلىقنى توغرا ئادا قىلىشىغا ۋە راست قەسەم قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 282 – ۋە 283 – ئايەتلەر.

[2] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 11 – ۋە 12 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر