قۇرئان يولى
كۆز تىگىش بارمۇ؟ 1

كۆز تىگىش بارمۇ؟

          كۆز تېگىش

كۆز بىلەن ھەسەت بىر – بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان ئىككى ئاتالغۇ بولۇپ، بىرىنىڭ يېنىدا يەنە بىرىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ ياكى بىرى زىكىر قىلىنسا يەنە بىرى ئەسكە كېلىدۇ. چۈنكى كۆز قەلبنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالىدۇر. مەسىلەن: ئۆزى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەردە بىر نېمەتنى كۆرگەن شەخسنىڭ قەلبى ئۇلارغا ھەسەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شەخسنىڭ قاراشلىرى غەزەپلىك ھومىيىشلارغا ئۆزگىرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆزلىرى قەلبىدە يوشۇرۇلغان ھەسەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ھەسەت بەزەن ھەسەت قىلىنغۇچىغا يامانلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

كۆپچىلىك ئۆلىمالار: «غەزەپلىك قاراش قارالغان كىشىگە تەسىر قىلىدۇ (يەنى كۆز تېگىدۇ، كۆز تېگىش بار)» دەپ قارايدۇ. بىزنىڭ بۇ توغرىدىكى كۆزقارىشىمىز مۇنداق:

كۆز تېگىشنىڭ ئاساسى يوق، ئۇ بىر خۇراپات بولۇپ، كۆز تېگىش ئەسلىدە ھەسەتتىن ئىبارەتتۇر. كۆز تېگىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر ئىككى نۇقتىدىن كۆزنىڭ ھەسەتتىكى رولىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى شۇكى، كۆز قەلبنىڭ ئەلچىسى ۋە قورالىدۇر. ھەسەت، بىراۋدىكى نېمەتنى تونۇغاندىن كېيىن قەلبتە ھاسىل بولىدىغان چىدىماسلىق تۇيغۇسىدۇر. كۆز بۇ تونۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ۋاسىتىسىدۇر. ئىككىنچىسى ھەسەتنىڭ تەسىرى كۆزدە ئاشكارا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا ھەسەت قىلىش كۆز تېگىش بىلەن ئىپادىلەنگەن. چۈنكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك زىچ مۇناسىۋەت بار.

ھەر مۇسۇلمان كائىناتتا ئاللاھتىن باشقا تەسىر قىلغۇچىنىڭ يوقلىقىغا ئىشىنىدۇ، يەنى پايدا – زىيان ئاللاھتىن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ بېكىتىپ قويغان قانۇن ۋە بەلگىلەپ قويغان يول بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا زىيان كېلىش ئۈچۈن بېكىتىپ قويغان قانۇنلارنىڭ ۋە بەلگىلەپ قويغان يوللارنىڭ ئىچىدە يامان كۆز بىلەن قاراش يوق.

ئەسلىدە كۆز تېگىشكە ئىشىنىش باشقا دىنلاردىن سىڭىپ كىرگەن بىر ئېتىقاد بولۇپ ئۇنىڭ، مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. كۆز تېگىشكە ئىشىنىش پىرىنسىپى دەلىل، ئىسپات، پاكىت ۋە ھۆججەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئىلىمگە، تەپەككۇرغا ۋە چۈشىنىشكە چاقىرىدىغان ئىسلامنىڭ مەنتىقىگە زىتتۇر.

1.     كۆز تېگىشكە دەلىل قىلىنغان ئايەتلەر

﴿وَإِن يَكَادُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَيُزۡلِقُونَكَ بِأَبۡصَٰرِهِمۡ لَمَّا سَمِعُواْ ٱلذِّكۡرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُۥ لَمَجۡنُونٞ  ٥١﴾

«كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ ۋە سېنىڭ ھەققىڭدە: ‹ئۇ ھەقىقەتەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر› دەيدۇ»[1].

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: كاپىرلار رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق غەزەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەپرەت كۆزلىرى بىلەن قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتلىرىنى تېيىلدۇرۇپ يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. لېكىن يېقىتىۋېتەلمەيدۇ. 

بۇ ئايەت كۆز تېگىشكە دالالەت قىلمايدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك ئۆلىمالار دېگەندەك كۆز تېگىش دەيدىغان ئىش مەۋجۇت بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھقا ئۇ كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى تېگىپ يېقىلغان، ھەتتا كېسەل بولۇپ يېتىپ كەتكەن بولاتتى. ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، بۇ ئايەت رەسۇلۇللاھقا كاپىرلارنىڭ يامان كۆزلىرىنىڭ تەگمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى كۆز تېگىدىغانلىققا دەلىل قىلىدۇ.

 ئەسلىدە بۇ ئايەتتە كاپىرلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ھەسەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بۇ ھەسەتنىڭ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئەكس ئەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇنى مۇنۇ ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ:

﴿وَإِن كَادُواْ لَيَفۡتِنُونَكَ عَنِ ٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ لِتَفۡتَرِيَ عَلَيۡنَا غَيۡرَهُۥۖ وَإِذٗا لَّٱتَّخَذُوكَ خَلِيلٗا  ٧٣ وَلَوۡلَآ أَن ثَبَّتۡنَٰكَ لَقَدۡ كِدتَّ تَرۡكَنُ إِلَيۡهِمۡ شَيۡئًا قَلِيلًا  ٧٤﴾

«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار، بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاندىن باشقىسىنى ئويدۇرۇپ، بىزگە چاپلىشىڭ ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالدى. ئۇلار ئۇ تەقدىردىلا سېنى دوست تۇتاتتى. ئەگەر بىز سېنى ئىرادىلىك ۋە چىداملىق قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىڭ»[2].

بۇ ئىككى ئايەتنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلساق ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ – سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيمىز. ئەرەبچىدە بۇ سۆز ئىشلىتىلسە قاراشنىڭ سەلبىي تەسىرى ئەمەس، بەلكىدە قاراشنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە قارىغان كىشىنىڭ پەسكەشلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئادەتتە نەپرەتلىك قاراشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا «كۆزى بىلەن يەپ كەتكىلى تاس قالدى» دېگەن سۆزمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

﴿وَقَالَ يَٰبَنِيَّ لَا تَدۡخُلُواْ مِنۢ بَابٖ وَٰحِدٖ وَٱدۡخُلُواْ مِنۡ أَبۡوَٰبٖ مُّتَفَرِّقَةٖۖ وَمَآ أُغۡنِي عَنكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍۖ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُۖ وَعَلَيۡهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ  ٦٧﴾

«يەئقۇب يەنە مۇنداق دېدى: ئى ئوغۇللىرىم! شەھەرگە ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا – باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. مەن ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى سىلەردىن دەپئى قىلالمايمەن. ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن»[3].

كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى كۆز تېگىشكە دەلىل قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بالىلىرىغا كۆز تېگىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى شەھەرگە بىر دەرۋازىدىن كىرىشتىن توسۇپ، باشقا – باشقا دەرۋازىلەردىن كىرىشكە بۇيرۇغان[4].

بىزنىڭچە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرىنى باشقا – باشقا دەرۋازىلەردىن كىرىشىگە بۇيرۇشى ئۇلارغا كۆز تېگىپ كېتىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىدە ئۇلارغا مىسىر پادىشاھىنىڭ ياكى باشقا بىر دۈشمەننىڭ تەرىپىدىن بىرەر مۇسىبەت كېلىپ، بۇ مۇسىبەتتىن ھەممەيلەننىڭ زىيان تارتىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى. بۇنى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:

﴿وَلَمَّا دَخَلُواْ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَهُمۡ أَبُوهُم مَّا كَانَ يُغۡنِي عَنۡهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍ إِلَّا حَاجَةٗ فِي نَفۡسِ يَعۡقُوبَ قَضَىٰهَاۚ وَإِنَّهُۥ لَذُو عِلۡمٖ لِّمَا عَلَّمۡنَٰهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ  ٦٨﴾

«ئۇلار شەھەرگە ئاتىىسى بۇيرۇغان يەردىن كىرگەندە، بۇ ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى ئۇلاردىن دەپئى قىلالمايتتى. لېكىن يەئقۇب، ئىچىدىكى بىر ئارزۇنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىم ئىگىسى ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا بىز ئۆگەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»[5].

بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، مىسىردا ئۇ بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگىنى كۆز  تېگىش ئەمەس، مۇسىبەت بولدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەندىشە قىلغىنىمۇ بۇ ئىدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بۇ مۇسىبەتنىڭ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ھەرقانچە ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇسىبەتكە توسالغۇ بولالمىدى. لېكىن يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بالىلىرى يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا كۆڭلىدىكى بىر ئارزۇسىنى ئۇلارغا ئېيتقان بولدى، خالاس.

داۋامى بار….

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 : 344.

[1] 68 – سۈرە قەلەم، 51 – ئايەت.

[2] 17 – سۈرە ئىسرا، 73 – ۋە 74 – ئايەتلەر.

[3] 12 – سۈرە يۇسۇف، 67 – ئايەت.

[4] تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىل قۇرئان، 16: 165؛ فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 6: 481.

[5] 12 – سۈرە يۇسۇف، 68 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر