قۇرئان يولى
قايتا تاھارەت ئېلىش كېرەكمۇ؟ 1

قايتا تاھارەت ئېلىش كېرەكمۇ؟

غۇسۇل تاھارەت ئالغاندىن كىيىن ناماز ئۈچۈن قايتا تاھارەت ئېلىش كېرەكمۇ؟ 

ئاللاھ تائالا تاھارەت ۋە غۇسۇل ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قُمۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ فَٱغۡسِلُواْ وُجُوهَكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ إِلَى ٱلۡمَرَافِقِ وَٱمۡسَحُواْ بِرُءُوسِكُمۡ وَأَرۡجُلَكُمۡ إِلَى ٱلۡكَعۡبَيۡنِۚ وَإِن كُنتُمۡ جُنُبٗا فَٱطَّهَّرُواْۚ وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُم مِّنۡهُۚ مَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيَجۡعَلَ عَلَيۡكُم مِّنۡ حَرَجٖ وَلَٰكِن يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمۡ وَلِيُتِمَّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىككى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار. ئاللاھ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!» (5 – سۈرە مائىدە، 6 – ئايەت).

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، جۇنۇپ بولۇپ قالغان بىر كىشى غۇسۇل تاھارەت ئالماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمايدۇ. ئۇنىڭ ناماز ئۈچۈن غۇسۇل قىلىشى يېتەرلىك بولىدۇ. غۇسۇلدىن كىيىن تاھارەتنى بۇزىدىغان بىرەر ئىش يۈز بەرمىگەنلا بولسا يەنە بىر قىتىم تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولمايدۇ. 

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غۇسۇل قىلاتتى ۋە ئىككى رەكئەت (سۈننەت)نى ۋە بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇيتتى. مەن ئۇنىڭ غۇسۇلدىن كېيىن يەنە تەھارىتىنى يېڭىلىغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن» (ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت، 98)

يەنە ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىزدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:

«رەسۇلۇللاھ غۇسۇلدىن كېيىن (ئالاھىدە) تاھارەت ئالمايتتى.» (تىرمىزى، تاھارەت، 79؛ نەسائى، تاھارەت 160؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت، 96؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 6/68, 192)

بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغاندىن كېيىن ئىمام تىرمىزى: «ساھابە ۋە تابىئىن ئالىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارىشى مۇشۇنداق. يەنى «غۇسۇلدىن كېيىن تەھارەت ئېلىش ھاجەتسىز» دەيدۇ» دەپ چۈشەنچە بەرگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھقا غۇسۇل قىلغاندىن كېيىن تاھارەت ئېلىش توغرىسىدا بىر سوئال سورالغاندا ئۇ: «قايسى تاھارەت غۇسۇلدىن ياخشىراق بولالايدۇ!» دەپ بۇيرۇغان. (ھاكىم، مۇستەدرەك، تاھارەت، ھەدىس نومۇرى: 103 (548).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر