مۇناسىۋەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن غۇسۇل تاھارەتنى قانچىلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەم بولىدۇ؟ ئەتىگىنى تۇرۇپ مونچىغا چۈشۈش تەس كېلىدىكەن؟ پېشىن نامازدىن بۇرۇن چۈشسەم بولامدۇ؟
جۇنۈپ كىشىنىڭ غۇسۇل تاھارەتنى ناماز ۋاقتىنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكى شەرتى بىلەن كېچىكتۈرىشىدە ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. جۇنۇپ ھالەتتە تاماق يېيىشكە، ئۇخلاشقا، سىرتقا چىقىشقا بولىدۇ. لېكىن ۋاقتىدا غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ پاكىزلىنىۋېلىش ياخشى.
بەزى كىتابلاردىكى «جۇنۇپ ھالەتتە يۈرگەن ئادەمگە پەرىشتىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ» دېگەندەك رىۋايەتلەر سەھىھ ئەمەستۇر. دەلىل بولۇشقا يارىمايدۇ. چۈنكى غۇسۇل تاھارەت پەقەت ناماز ئۈچۈن پەرز قىلىنغان. شۇڭلاشقا، مەن جۇنۇپ دەپ بىر نامازنى قازا قىلىشقا بولمايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، كېچىدە جۇنۇپ ھالەتتە ياتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن بامدات نامازنى ئوقۇش سىزگە پەرز بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ ۋاقىتتا ئويغىنىشىڭىز ھەمدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن غۇسۇل ئېلىشىڭىز كېرەك.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر مەست چېغىڭلاردا نېمە دەۋاتقانلىقىڭلارنى بىلگىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار. جۇنۇپ چېغىڭلاردىمۇ غۇسۇل قىلغىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار…»-(نىسا سۈرىسى، 43 – ئايەت).
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىككى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار…» – (مائىدە سۈرىسى، 6 – ئايەت).






