﴿ قُل لِّمَن مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ قُل لِّلَّهِۚ كَتَبَ عَلَىٰ نَفۡسِهِ ٱلرَّحۡمَةَۚ لَيَجۡمَعَنَّكُمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا رَيۡبَ فِيهِۚ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ ١٢ ۞وَلَهُۥ مَا سَكَنَ فِي ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ ١٣ قُلۡ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيّٗا فَاطِرِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَهُوَ يُطۡعِمُ وَلَا يُطۡعَمُۗ قُلۡ إِنِّيٓ أُمِرۡتُ أَنۡ أَكُونَ أَوَّلَ مَنۡ أَسۡلَمَۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ١٤ قُلۡ إِنِّيٓ أَخَافُ إِنۡ عَصَيۡتُ رَبِّي عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ ١٥ مَّن يُصۡرَفۡ عَنۡهُ يَوۡمَئِذٖ فَقَدۡ رَحِمَهُۥۚ وَذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡمُبِينُ ١٦ وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يَمۡسَسۡكَ بِخَيۡرٖ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ ١٧ وَهُوَ ٱلۡقَاهِرُ فَوۡقَ عِبَادِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ ١٨﴾
تەرجىمىسى
12 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر كىمنىڭ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ». ئاللاھ رەھىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ يازدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم قايىم بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە يىغىدۇ. ئۆزلىرىگە زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
13 – كېچە ۋە كۈندۈزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەر نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
14 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، تائام بېرىدىغان، تائامغا موھتاج بولمايدىغان ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالامدىم؟». ئى مۇھەممەد! «مەن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېگىن ۋە ئەسلا مۇشرىكلاردىن بولمىغىن!
15 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».
16 – ئۇ كۈندە كىمدىن ئازاب قايتۇرۇلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق – ئاشكارا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
17 – ئەگەر ئاللاھ سېنى بىرەر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
18 – ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر.
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا 12 ~ 18 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئالدىنقى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلاردىن (ئاللاھنىڭ رەبلىكىگە ئىشىنىپ ئىلاھلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشلىرى ھەققىدە شۈبھە قىلغان مۇشرىكلاردىن)، ئاللاھنىڭ رەبلىكى توغرىسىدا بىرقانچە سوئالنى سوراشقا ۋە ئۇلارنى تەنقىد قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن تەۋھىدكە بۇيرۇلۇپ شېرىكتىن چەكلەنگەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغان تەقدىردە ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ رەھمىتىنىڭ كەڭ، قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ، ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر ۋە ئىلمىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كىم ياراتتى، كىم باشقۇرۇۋاتىدۇ؟ ئۇلارغا كىم ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتىدۇ؟ كىم ئۇلارنى ئېھتىياجلىق نەرسىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ؟ كىم ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋارىدۇ؟ جاۋاب: ئاللاھ! سىلەر بۇنى ئېتىراپ قىلىسىلەر شۇنداققۇ! كائىناتتىكى ھەر نەرسنىڭ بار بولۇشى ۋە بارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بولۇۋاتىدۇ، سىلەر بۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىسىلەر. سىلەر بۇ ھەقىقەتلەرنى ئېتىراپ قىلىسىلەر – يۇ، نېمىشقا ئىبادەتنى ئەنە شۇ ئاللاھقىلا قىلمايسىلەر؟ نېمىشقا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈسسىلەر؟ ئى ئىنسانلار! شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا يىغىدۇ ۋە سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ، بۇنىڭدا شەك يوق. شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.
- ئى ئىنسانلار! شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمانلار ۋە ئاسمان جىسىملىرى، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەر، ئىنسانلار، جىنلار، پەرىشىتىلەر، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئانئورگانىك ماددىلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھ بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە ۋە ئاللاھ بەرگەن ئىمكانىيەت بىلەن مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئەجىلى توشقانلىرى يوق بولۇپ، يېڭىلىرى پەيدا بولماقتا، بار بولۇشتا ۋە يوق بولۇشتا ئاللاھقا بويسۇنماقتا. ئەنە شۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن ئۇلارنى تەمىنلىگۈچى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھنى قويۇپ، ئۇ ئاجىز مەخلۇقاتلارنىڭ بىرىگە چوقۇنۇش ئەقىلگە سىغامدۇ؟ جاۋاب: ھەرگىزمۇ سىغمايدۇ. ئەكسىچە ئەقىل، ۋىجدان، ئىلىم ۋە فىترەت (تەبىئىي ھالەت) ئۆزىگىمۇ پايدا – زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇشنى رەت قىلىدۇ، شۇنداقلا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش، چەكسىز تەزىم قىلىش، چىن كۆڭۈلدىن ئەيمىنىش ۋە ھەقىقىي مەنىدە ئۈمىد باغلاش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ئاللاھقىلا قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ».
- ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، جانلىقلارغا رىزىق بېرىۋاتقان، ئۆزى رىزىققا موھتاج بولمايدىغان ئاللاھتىن غەيرىينى ئۆزۈمگە ھامىي قىلامدىم؟»[12]. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن بۇ ئۇممەتتىن ئاللاھقا بويسۇنغانلارنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، مۇشرىكلاردىن بولۇشتىن مەنئى قىلىندىم»[13].
- ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېېيتقىنكى: «مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقىمەن»، يەنى رەببىگە ئاسيلىق قىلغانلار قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ، ناۋادا مەن رەببىمگە ئاسيلىق قىلسام مەنمۇ ئۇ ئازابقا دۇچار قىلىنىمەن، شۇڭلاشقا مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلمايمەن[14].
- 16. ئاللاھ ئۇ كۈنى ئۇ ئازابنى كىمدىن يىراقلاشتۇرسا ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن رەھىم قىلغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ دۇنيادا چېغىدىكى ئېتىقادى ۋە ئەمىلى بىلەن ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا لايىق بولۇش ئاشكارا مۇۋەپپەقىيەتتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئازابتىن يىراقلاشتۇرسا ئۇنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ»[15].
- ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئاللاھ ساڭا پېقىرلىق، كېسەللىك ۋە ئىچ پۇشۇقىدەك بىرەر زىيان يەتكۈزسە، ئۇ زىياننى يەنە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم سەندىن كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بايلىق، سالامەتلىك ۋە خۇشاللىقتەك بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، ئۇ ياخشىلىقنى ھېچكىم توسالمايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[16]. شۇڭلاشقا مەيۈسلەنمىگىن، ئۇلارنىڭ پوپوزىلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن، بوشاشمىغىن ۋە ساڭا چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقىمىز بويىچە توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغىن[17].
- ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە غالىبتۇر، ھەر كىشى خالىسۇن خالىمىسۇن ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويۇن ئەگمەكتە ۋە ھۆكمىگە ئىتائەت قىلماقتا. ھەر نەرسە ئاللاھنىڭ يارىتىشى بىلەن، ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا، ئاللاھ بەرگەن ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ ۋە ئاللاھ رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئاللاھ ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر، يەنى كائىناتتا ھېچ نەرسە بىكار يارىتىلمىغان، ئەكسىچە ھەر نەرسە مەلۇم مەقسەت ۋە مۇئەييەن رول ئۈچۈن يارىتىلغان. ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرماقتىدۇر. ئىنسانلار ئۈچۈن ئاشكارا ياكى مەخپىي بولغان نەرسە ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشتۇر، يەنى ئاللاھ ئۈچۈن يوشۇرۇن – ئاشكارا ۋە مەخپىي- ئوچۇقنىڭ پەرقى يوق، ھەر نەرسە ئاللاھ ئۈچۈن ئاشكارىدۇر، ئوچۇقتۇر[18].
[1] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 94 – ۋە 95 – ئايەتلەر.
[2] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 38 ~ 44 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 14 – ئايەت.
[3] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 53 ~ 60 – ئايەتلەر؛ 51 – سۈرە زارىيات، 41 – ۋە 42 – ئايەتلەر؛ 69 – سۈرە ھاققە، 6 ~ 8 – ئايەتلەر.
[4] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 77 – ۋە 78 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 62 -، 67 – ۋە 68 – ئايەتلەر.
[5] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر، 73 – ۋە 74 – ئايەتلەر؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 167 ~ 173 – ئايەتلەر؛ 27 – سۈرە نەمل، 56 ~ 58 – ئايەتلەر.
[6] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 91 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 94 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 185 ~ 189 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 37 – ئايەت.
[7] قاراڭ: 106 – سۈرە قۇرەيش، 2 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
[8] قاراڭ: 89 – سۈرە فەجر، 6 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.
[9] قاراڭ: 85 – سۈرە بۇرۇج، 18 – ئايەتنىڭ تەپسىرى؛ 89 – سۈرە فەجر، 9- ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.
[10] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 40 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 20 ~ 29 – ئايەتلەر.
[11] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 82 – ئايەت؛ 15 – سۈرە ھىجر، 74 – ئايەت.
[12] قاراڭ: 35 – سۈرە فاتىر، 15 – ئايەت؛ 51 – سۈرە زارىيات، 56 ~ 58 – ئايەتلەر؛ 112 – سۈرە ئىخلاس، 2 – ئايەت.
[13] قاراڭ: مۇشۇ سۈرە (ئەنئام)، 163 – ئايەت.
[14] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 65 – ئايەت.
[15] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 185 – ئايەت.
[16] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 107 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 2 – ئايەت.
[17] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر، 97 ~ 99 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 70 – ۋە 127 – ئايەتلەر؛ 42 – سۈرە شۇرا، 15 – ئايەت.
[18] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 5 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.






