قۇرئان يولى
ئەنئام سۈرىسى، 7 ~ 11 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى كافىرلارنىڭ تەرسالىقى 1

ئەنئام سۈرىسى، 7 ~ 11 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ كافىرلارنىڭ تەرسالىقى

 وَلَوۡ نَزَّلۡنَا عَلَيۡكَ كِتَٰبٗا فِي قِرۡطَاسٖ فَلَمَسُوهُ بِأَيۡدِيهِمۡ لَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ ٧ وَقَالُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ مَلَكٞۖ وَلَوۡ أَنزَلۡنَا مَلَكٗا لَّقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ ثُمَّ لَا يُنظَرُونَ ٨ وَلَوۡ جَعَلۡنَٰهُ مَلَكٗا لَّجَعَلۡنَٰهُ رَجُلٗا وَلَلَبَسۡنَا عَلَيۡهِم مَّا يَلۡبِسُونَ ٩ وَلَقَدِ ٱسۡتُهۡزِئَ بِرُسُلٖ مِّن قَبۡلِكَ فَحَاقَ بِٱلَّذِينَ سَخِرُواْ مِنۡهُم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ ١٠  قُلۡ سِيرُواْفِي ٱلۡأَرۡضِ ثُمَّ ٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ 

تەرجىمىسى 

7 – ئي مۇھەممەد! ئەگەر بىز ساڭا قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتاب نازىل قىلغان ۋە ئۇلار ئۇنى ئۆز قوللىرى بىلەن تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئۇ كافىرلار چوقۇم: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دەيتتى.

8 – ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئەگەر بىز پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەستىن ئىشلىرى تۈگىتىلگەن بولاتتى.

9 – ئەگەر بىز ئەلچىنى پەرىشتىدىن قىلغان بولساق، ئۇنى يەنە ئەركەك ئىنسان سۈرىتىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى ھازىر چۈشكەن شۈبھىلىرىگە يەنە چۈشۈرەتتۇق.

10 – شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىندى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى.

11 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار!».

تەپسىرى

7- ئاللاھ تائالا بۇ  ئايەتتە، ئالدىنقى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلارنىڭ تەرسالىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلار شۇنداق تەرسا ئىنسانلاركى، ئەگەر بىز ساڭا قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتاب نازىل قىلغان ۋە ئۇلار بۇ كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن تۇتقان تەقدىردە: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن بولاتتى، چۈنكى تەرسالىق، ۋە تەقلىدچىلىك ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن[1].

كافىرلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىگە، بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن بىرەر پەرىشتىنىڭ چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى، بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئاللاھ تائالا 8 ~ 11 – ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ بۇ باھانىلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئۇ كافىرلارغا يەر يۈزىنى سەير قىلىپ ئۆتمۈشتىكى ئىنكارچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆزىتىش تەكلىپىنى سۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

8 – ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلار: «مۇھەممەد پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا، نېمىشقا ئۇنىڭغا يېنىدا بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى بىلەن پەرىشتە چۈشۈرسەك، ئاندىن ئۇلار يەنە ئىمان ئېيتمىسا، بىز ئۇلارنى ھېچ مۆھلەت بەرمەستىن ھالاك قىلىۋېتىمىز[2].

9 – ئى مۇھەممەد! ئەگەر بىز ئۇلارغا بىرەر پەرىشتىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن بولساق، ئۇ پەرىشتىنى ئىنسان سۈرىتىدە قىلىپ ئەۋەتكەن بولاتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇلار ھازىر سېنىڭ ھەققىڭدە چۈشكەن شۈبھىگە يەنە چۈشكەن بولاتتى. چۈنكى ئەلچىنىڭ، ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلىدىغانلارنىڭ تۈرىدىن بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئۇلار ئەلچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىلىم ئۆگىنەلمەيدۇ، ئۆزىنى كۆرۈپ ئۈلگە قىلالمايدۇ[3].

10 – ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سېنى مەسخىرە قىلىشىغا سەۋر قىلغىن، ئۇلار يېقىندا جازالاندۇرۇلىدۇ. سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىمىزمۇ قەۋملىرى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغان. ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنى ئازابىمىزدىن ئاگاھلاندۇرسا، ئۇلار ئەلچىلىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ۋە باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنى مەسخىرە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب بىلەن ھالاك قىلىنغان. مەسىلەن:

نۇھنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ توپان بالاسى بىلەن ھالاك قىلىنغان[4]،

ھۇدنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ شىددەتلىك شامال بىلەن ھالاك قىلىنغان[5]،

سالىھنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ دەھشەتلىك ئاۋاز ۋە شىددەتلىك زىلزىلە بىلەن ھالاك قىلىنغان[6]،

لۇتنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ دەھشەتلىك ئاۋاز، ئۈستىگە ياغقان تاش ۋە تۇرالغۇ جايلىرى بىلەن قوشۇپ كۆمتۈرۈۋېتىلىش ئارقىلىق ھالاك قىلىنغان[7]،

شۇئەيبنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ بىرقانچە كۈن داۋاملاشقان قاتتىق ئىسسىققا مۇپتىلا بولغان، ئاندىن ھاۋادا بۇلۇت پەيدا بولغان، ئۇلار: «بۇلۇتنىڭ سايىسىدا سايىدايمىز» دەپ بۇلۇتنىڭ ئاستىغا يىغىلغاندا ئۈستۈن تەرىپىدىن دەھشەتلىك ئاۋاز، ئاستىن تەرىپىدىن شىددەتلىك زىلزىلە كەلگەن ۋە ھالاك بولغان[8].

11 – ئى مۇھەممەد! سېنى ۋە سەن ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى مەسخىرە قىلغان بۇ كافىرلارغا (مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئەكابىر – ئەشرەپلىرىگە) ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئىنكارچى قەۋملەرنىڭ دىيارلىرىغا قاراڭلار، ئۇ دىيارلارنىڭ خارابىلىكلىرىدىن ئۇ قەۋملەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى كۆزىتىپ ئىبرەت ئېلىڭلار».

دەرۋەقە قۇرەيش مۇشرىكلىرى قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە[9]، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋملىرى ياشىغان جايلاردىن ئۆتەتتى ۋە ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرىنى كۆرەتتى. چۈنكى ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ  قەۋمى (ئاد) ئۆز ۋاقتىدا ئوممان بىلەن ھەزرىمەۋت (يەمەننىڭ بىر ناھىيەسى)نىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «ئەھقاف – قۇم بارخانلىرى» دېگەن جايدا ياشايتتى[10]. سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى (سەمۇد) ھىجاز بىلەن ئىئوردانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «ھىجر» دېگەن جايدا ياشايتتى[11]. شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى (مەديەن ئاھالىسى) ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا ۋە ئەقەبە قولتۇقىنىڭ شەرقىي ساھىلىغا جايلاشقان مەديەندە ياشايتتى، ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام فىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن قورقۇپ مىسردىن چىققان ۋە ئەنە شۇ مەديەنگە بارغان، شۇنداقلا ئۇ يەردە بىرقانچە يىل تۇرۇپ قالغان[12]. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئىئوردانىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى «لۇت كۆلى»نىڭ ساھىلىغا يەرلەشكەن سەدۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشايتتى[13]. دېمەككى، ئاد قەۋمىنىڭ دىيارى مەككىنىڭ جەنۇبىغا، سەمۇد قەۋمىنىڭ دىيارى، مەديەن ۋە كۆمتۈرۈۋېتىلگەن يۇرت مەككىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. مەككە مۇشرىكلىرى مەزكۇر ئىككى سەپىرىدە ئۇلارنىڭ دىيارلىرىدىن ئۆتەتتى.

[1] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 111 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 146 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 96 – 97 -، 100 – ۋە 101 – ئايەتلەر؛ 15 – سۈرە ھىجر، 14 – ۋە 15 – ئايەتلەر؛ 52 – سۈرە تۇر، 44 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر 7 – ۋە 8 – ئايەتلەر؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 7 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 94 – ۋە 95 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 38 ~ 44 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 14 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 53 ~ 60 – ئايەتلەر؛ 51 – سۈرە زارىيات، 41 – ۋە 42 – ئايەتلەر؛ 69 – سۈرە ھاققە، 6 ~ 8 – ئايەتلەر.

[6] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 77 – ۋە 78 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 62 -، 67 – ۋە 68 – ئايەتلەر.

[7] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر، 73 – ۋە 74 – ئايەتلەر؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 167 ~ 173 – ئايەتلەر؛ 27 – سۈرە نەمل، 56 ~ 58 – ئايەتلەر.

[8] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 91 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 94 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 185 ~ 189 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 37 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 106 – سۈرە قۇرەيش، 2 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.

[10] قاراڭ: 89 – سۈرە فەجر، 6 – ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.

[11] قاراڭ: 85 – سۈرە بۇرۇج، 18 – ئايەتنىڭ تەپسىرى؛ 89 – سۈرە فەجر، 9- ئايەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى.

[12] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 40 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 20 ~ 29 – ئايەتلەر.

[13] قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 82 – ئايەت؛ 15 – سۈرە ھىجر، 74 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر