﴿قُلۡ أَيُّ شَيۡءٍ أَكۡبَرُ شَهَٰدَةٗۖ قُلِ ٱللَّهُۖ شَهِيدُۢ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۚ وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ لِأُنذِرَكُم بِهِۦ وَمَنۢ بَلَغَۚ أَئِنَّكُمۡ لَتَشۡهَدُونَ أَنَّ مَعَ ٱللَّهِ ءَالِهَةً أُخۡرَىٰۚ قُل لَّآ أَشۡهَدُۚ قُلۡ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ وَإِنَّنِي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُشۡرِكُونَ ١٩ ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَعۡرِفُونَهُۥ كَمَا يَعۡرِفُونَ أَبۡنَآءَهُمُۘ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ ٢٠ وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بَِٔايَٰتِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ ٢١ وَيَوۡمَ نَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشۡرَكُوٓاْ أَيۡنَ شُرَكَآؤُكُمُ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ ٢٢ ثُمَّ لَمۡ تَكُن فِتۡنَتُهُمۡ إِلَّآ أَن قَالُواْ وَٱللَّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشۡرِكِينَ ٢٣ ٱنظُرۡ كَيۡفَ كَذَبُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡۚ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ ٢٤﴾
تەرجىمىسى
19 – ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قايسى شەيئىنىڭ گۇۋاھلىقى ئەڭ بۈيۈكتۇر؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھچىدۇر. بۇ قۇرئان ماڭا، سىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. سىلەر راستتىنلا ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلار بار دەپ گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «مەن گۇۋاھلىق بەرمەيمەن!». ئېيتقىنكى: «ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر. مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن چوقۇم ئادا-جۇدامەن».
20 – بىز كىتاب بەرگەنلەر ئۇنى ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۆزلىرىگە زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
21 – ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ بەكرەك زالىم ئادەم بارمۇ؟ زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ.
22 – بىز بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگاھقا يىغىپ، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەرنىڭ ‹ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى› دەپ ئېتىقاد قىلغان ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز.
23 – ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان جاۋابى مۇنداق بولىدۇ: «رەببىمىز بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق».
24 – قارىغىنا، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
تەپسىرى
ئاللاھ تائالا 19 ~ 21 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھچى تەلەپ قىلغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىشكە، ئۆزىنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلىشقا، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىشقا ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئۇقتۇرۇشقا، ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئويدۇرۇلغان ئىلاھلاردىن ئادا – جۇدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن ياخشىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆزىگە (ئاللاھقا) تۆھمەت قىلغان ئادەمنىڭ ۋە ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمنىڭ چوڭقۇر خاتالىق پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدىغانلىقى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! سەندىن پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھچى تەلەپ قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «كىمنىڭ گۇۋاھلىقى ئەڭ بۈيۈك؟ جاۋاب: ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى! مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئاللاھ گۇۋاھچىدۇر. ئاللاھ ماڭا ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننى نازىل قىلىش بىلەن مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە گۇۋاھلىق بەردى. بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە قىيامەتكە قەدەر بۇ قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىندى. دېمەككى، مەن سىلەرنىڭلا ئەمەس، ئەكسىچە سىلەرنىڭ ۋە قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پەيغەمبىرىمەن. شۇڭلاشقا مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ مۆجىزىسى بولغان بۇ قۇرئان قىيامەتكە قەدەر كىمگە يېتىپ بارسا، مەن ئۇ كىشىنى قۇرئانغا بويسۇنمىسا يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولىمەن»[1].
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! سىلەر ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلارمۇ بار دەپ ئىشىنىۋاتىسىلەر، مەن ئۇنداق ئىشەنمەيمەن. مەن ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئىلاھلىرىڭلاردىن ئادا – جۇدامەن».
- (ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ:) ئى ئىنسانلار! ئەھلى كىتابنىڭ ياخشى ئۆلىمالىرى مۇھەممەدنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدا ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋە سۈپەتلىرىنى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ[2]. تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر (ئەھلى كىتابنىڭ يامانلىرى ۋە مۇشرىكلار) ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، شۇنداقلا زىيان تارتىدۇ.
- ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، قەبىھ ئىشلارنى قىلىش ۋە بۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىقىنى دەۋا قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىدا يوق نەرسىنى بار، بار نەرسىنى يوق دېيىش بىلەن ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جاۋاب: يوق. زالىملار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ[3].
ئاللاھ تائالا 22 ~ 24 – ئايەتلەردە ئۇ كافىرلاردىن (مەككە مۇشرىكلىرىدىن) قىيامەت كۈنى سورايدىغان بىر سوئالىنى ۋە ئۇلارنىڭ بېرىدىغان يالغان جاۋابىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا شېرىك كەلتۈرۈپ، قىيامەت كۈنى بۇنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت قالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
- ئى مۇھەممەد! بىز بۇ كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھقا يىغىمىز ۋە: «بىزگە شېرىك كەلتۈرگەن ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دەپ سورايمىز،
- ئۇلار: «رەببىمىز بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمىزكى، بىز مۇشرىك ئەمەس ئىدۇق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ[4].
- قارىغىنا! ئۇلار ئۇ كۈنى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى چېغىدا مۇشرىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادىكى چېغىدا: «قىيامەت كۈنى بىزنى قۇتقۇزىدۇ، شاپائەت قىلىدۇ» دەپ چوقۇنغان ئىلاھلىرى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ يېنىدا بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ: ‹بىزگە شېرىك كەلتۈرگەن ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟› دېگەن سوئالىغا بىر يەردە بۇ جاۋابنى بېرىدۇ، باشقا بىر يەردە بۇ سوئال سورالغاندا، ئۇلارنى ئازدۇرغانلار ‹ئۇلارنى بىز ئازدۇرغان› دەپ جاۋاب بېرىدۇ[5]. دېمەككى، بۇ سوئال ئۇلاردىن بىر قېتىمدىن ئارتۇق سورىلىدۇ. مەقسەت ئۇلارنى ئەيىبلەش، سىلكىشلەش ۋە خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىشتۇر.
[1] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 17 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 28 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 121 – ئايەتنىڭ تەپسىرى؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت.
[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 75 – ۋە 79 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 78 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 46 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 13 – ۋە 41 – ئايەتلەر؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 47 -، 93 – ۋە 148 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 28 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 59 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 31 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 8 – ئايەت.
[4] قاراڭ: 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 47 – ۋە 48 – ئايەتلەر.
[5] قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 62 – ۋە 63 – ئايەتلەر.






