قۇرئان يولى
ئەنئام سۈرىسى، 1 ~ 6 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋەتەپسىرى ئاللاھ ئايەتلىرى ۋە غەزەبى 1

ئەنئام سۈرىسى، 1 ~ 6 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋەتەپسىرى \ ئاللاھ ئايەتلىرى ۋە غەزەبى

6 – سۈرە ئەنئام

مەككىدە نازىل بولغان، 165 ئايەت

﴿بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ﴾

﴿ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَجَعَلَ ٱلظُّلُمَٰتِ وَٱلنُّورَۖ ثُمَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡ يَعۡدِلُونَ ١ هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن طِينٖ ثُمَّ قَضَىٰٓ أَجَلٗاۖ وَأَجَلٞ مُّسَمًّى عِندَهُۥۖ ثُمَّ أَنتُمۡ تَمۡتَرُونَ ٢ وَهُوَ ٱللَّهُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَفِي ٱلۡأَرۡضِ يَعۡلَمُ سِرَّكُمۡ وَجَهۡرَكُمۡ وَيَعۡلَمُ مَا تَكۡسِبُونَ ٣ وَمَا تَأۡتِيهِم مِّنۡ ءَايَةٖ مِّنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِمۡ إِلَّا كَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ ٤ فَقَدۡ كَذَّبُواْ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ فَسَوۡفَ يَأۡتِيهِمۡ أَنۢبَٰٓؤُاْ مَا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ ٥ أَلَمۡ يَرَوۡاْ كَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِن قَبۡلِهِم مِّن قَرۡنٖ مَّكَّنَّٰهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَا لَمۡ نُمَكِّن لَّكُمۡ وَأَرۡسَلۡنَا ٱلسَّمَآءَ عَلَيۡهِم مِّدۡرَارٗا وَجَعَلۡنَا ٱلۡأَنۡهَٰرَ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمۡ فَأَهۡلَكۡنَٰهُم بِذُنُوبِهِمۡ وَأَنشَأۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِمۡ قَرۡنًا ءَاخَرِينَ ٦ وَلَوۡ نَزَّلۡنَا عَلَيۡكَ كِتَٰبٗا فِي قِرۡطَاسٖ فَلَمَسُوهُ بِأَيۡدِيهِمۡ لَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ ٧ وَقَالُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ مَلَكٞۖ وَلَوۡ أَنزَلۡنَا مَلَكٗا لَّقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ ثُمَّ لَا يُنظَرُونَ ٨﴾

تەرجىمىسى

1- ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، قاراڭغۇلۇقلارنى ۋە نۇرنى بار قىلدى. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ رەببىگە باشقىلارنى تەڭ قىلماقتىدۇر.

2 – ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى لايدىن ياراتتى، ئاندىن كېيىن ئەجەل بېكىتتى. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا يەنە بەلگىلەنگەن باشقا بىر ئەجەل باردۇر . ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر شۈبھىلىنىۋاتىسىلەر.

3 – ئۇ ئاللاھ،  ئاسمانلاردىمۇ ۋە زېمىندىمۇ ئاللاھتۇر. ئۇ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ نىمىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.

4 – ئۇلار ھەر زامان ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسە، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ كەلدى.

5 – ئۇلار ئۆزلىرىگە ھەق كەلگەن چاغدا ئۇنى يالغان دېيىشتى. ئۇلار مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى يېقىندا ئۇلارغا كېلىدۇ.

6 – ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ بىز ئۇ نەسىللەرگە زېمىندا سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ  – قۇۋۋەتلەرنى بەرگەن؛ ئۇلارغا يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا ئاستىلىرىدىن دەريالارنى ئېقىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەرگەن ئىدۇق. مۇشۇنداق نېمەتلەرنى بەرسەكمۇ بىزگە ئىمان ئېيتمىغاندىن كىيىن بىز ئۇلارنى بۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق.

تەپسىرى

  1. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەمدۇسانا ئېيتىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كائىناتنى ياراتقانلىقىنى ۋە قاراڭغۇلۇقلار بىلەن نۇرنى پەيدا قىلغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئاندىن بۇ دەلىللەرنى بىلگەن كافىرلارنىڭ، رەببىگە (ئۆزلىرى ياراتقۇچىمىز، رىزىق بەرگۈچىمىز ۋە باشقۇرغۇچىمىز دەپ ئېتىقاد قىلغان ئاللاھقا) باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىپ شېرىك كەلتۈرۈۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلىنىش لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە باشقا بىرقانچە ئايەتتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ[1].

دەرۋەقە ئۇ كافىرلار (مۇشرىكلار) ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى، قۇياشنى ۋە ئاينى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرغانلىقىنى ئېتىقاد قىلاتتى[2]، ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ رىزىق بېرىۋاتقانلىقىنى، دۇنياغا كەلگەن جانلىقلارنى ئاللاھنىڭ يارىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنى ئاللاھنىڭ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ پىلانلاۋاتقانلىقىنى ۋە باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلاتتى[3]. شۇنىڭدەك، ئۇ كافىرلار: «زېمىن ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر»، «يەتتە قات ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر»، «ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر» دەپ قارايتتى[4]، لېكىن ئۇلار ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شاپائەتچى بىلەن چىقىش، ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش، ئىززەت – ھۆرمەتكە ئېرىشىش دېگەندەك مەقسەتلەر بىلەن ئاللاھتىن غەيرىينى چەكسىز مۇھەببەت ۋە شەرتسىز ئىتائەتتە ئاللاھقا تەڭ قىلاتتى، شۇنداقلا مۇشرىك بولاتتى.

ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش – ئاللاھنى قىلغان ئىشلىرى مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن ماختاش ۋە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە مىننەتدار ئىكەنلىكىنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەش دېگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە فاتىھە سۈرىسىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى.

  1. ئالدىنقى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان كافىرلار (مۇشرىكلار) ئۆزلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىدىن شۈبھە قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، ئۇلارغا بىۋاسىتە خىتاب قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ (ئاللاھنىڭ) ياراتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۇنيادا تۇرۇشى ئۈچۈن ئەجەل بەلگىلىگەنلىكىنى، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئەجەل بەلگىلىگەنلىكىنى ۋە بۇ ئەجەلنى ئۆزىنىڭلا بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ[5]. ئاندىن ئۇلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ يوقتىن يارىتىلىش ۋە بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئىبارەت ھەقىقەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىدىن شۈبھە قىلىۋاتقانلىقىنى يۈزىگە سالىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ ھالىنىڭ ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالانى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى دەپ قوبۇل قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىنى ئىنكار قىلىشى، بەزىسىنىڭ بۇ ئىشتىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ غەلىتە ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ[6].

  1. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ «رەب» ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانلار قايتا تىرىلىپ ھېساب بېرىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ[7].

ئاللاھ تائالا 1 ~ 3 – ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ يەككە – يېگانە رەب (ياراتقۇچى، رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى) ۋە يەككە – يېگانە ئىلاھ (مەبۇد بەرھەق) ئىكەنلىكىنى، ئاخىرەت ھاياتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 4 ~ 6 – ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ يالغۇز رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ ئۇنىڭ يالغۇز ئىلاھلىقىنى قوبۇل قىلمىغان ئۇ كافىرلار، ئۆزلىرى «رەببىمىز» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئاللاھنىڭ ياراتقان ئايەتلىرىدىن، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان سەن ئارقىلىق كەلگەن ئايەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە، ئايەتنىڭ ھىدايىتى ۋە نۇرىغا بىپەرۋالىق قىلماقتا.
  2. دېمەككى، ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقنى (سېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىڭنى ۋە مۆجىزەڭ بولغان قۇرئاننى) ئىنكار قىلماقتا. ئۇلار يېقىندا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان جازا ۋە ئازابقا، يەنى دۇنيادا مەغلۇبىيەتكە، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ[8].
  3. ئى مۇھەممەد! بۇ كافىرلار بىزنىڭ قەدىمكى ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلغان ئۆزگەرمەس قانۇنىمىزنى ۋە بويۇنتاۋلىقنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئۇ قانۇننىڭ ئۆزلىرىگىمۇ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئۆتمۈشتە ھەر جەھەتتە ئۇلاردىن كۈچلۈك قەۋملەرنى (ئاد، سەمۇد، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئەيكەلىكلەرنى) ھالاك قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار سەپەرلىرىدە ئۇ قەۋملەر ياشىغان جايلاردىكى خارابىلىكلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بىز ئۇ قەۋملەرگە بۇ كافىرلارغا بەرمىگەن ئىمكانلارنى (سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكەرىي كۈچلەرنى) بەرگەن، شۇنداقلا پاراۋان تۇرمۇش ئاتا قىلغان. لېكىن ئۇلار بۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا جىنايەتلەر ئۆتكۈزگەن ۋە گۇناھلار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنىغا باشقا نەسىللەرنى پەيدا قىلغان[9].

[1] قاراڭ: 2  – سۈرە بەقەرە، 165 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 18 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 17 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 81 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 91 ~ 103 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 25 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 3 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 4 ~ 6 – ئايەتلەر.

[2] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 38 – ئايەت؛ 31 – سۈر لۇقمان، 25 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 61 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 87 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 31 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 84 ~ 89 – ئايەتلەر.

[5] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 187 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 15 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 34 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 63 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 36 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 5 ~ 7 – ئايەتلەر؛ 30 – سۈرە رۇم، 27 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 79 – ئايەت؛ 37 – سۈرە ساففات، 16 ~ 19 – ئايەتلەر؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 50 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 32 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 47 ~ 62 – ئايەتلەر؛ 64- سۈرە تەغابۇن، 7 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 5 – ئايەتنىڭ تەپسىرى؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 84 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 12 – ۋە 13 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.

[9] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 65 ~ 93 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 77 ~ 95 – ئايەتلەر؛ 15 – سۈرە ھىجر، 58 ~ 84 – ئايەتلەر؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 160 ~ 189 – ئايەتلەر؛ 27 – سۈرە نەمل، 45 ~ 58 – ئايەتلەر؛  89 – سۈرە فەجر، 6 ~ 9 – ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر