قۇرئان يولى
ئەنئام، 25 ~ 27 - ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى تەرسالىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋېتى 1

ئەنئام، 25 ~ 27 – ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى \ تەرسالىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋېتى

﴿ وَمِنۡهُم مَّن يَسۡتَمِعُ إِلَيۡكَۖ وَجَعَلۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ أَكِنَّةً أَن يَفۡقَهُوهُ وَفِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٗاۚ وَإِن يَرَوۡاْ كُلَّ ءَايَةٖ لَّا يُؤۡمِنُواْ بِهَاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوكَ يُجَٰدِلُونَكَ يَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ ٢٥ وَهُمۡ يَنۡهَوۡنَ عَنۡهُ وَيَنۡ‍َٔوۡنَ عَنۡهُۖ وَإِن يُهۡلِكُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ ٢٦ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ وُقِفُواْ عَلَى ٱلنَّارِ فَقَالُواْ يَٰلَيۡتَنَا نُرَدُّ وَلَا نُكَذِّبَ بِ‍َٔايَٰتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٢٧﴾

تەرجىمىسى

25 – ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار. بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن  قۇرئاننى چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىرلاتتۇق. ئۇلار ھەممە ئايەتنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، سەن بىلەن دەتالاش قىلىشىدۇ، كافىر بولغان ئۇ كىشىلەر: «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ.

26 – ئۇلار ھەم كىشىلەرنى قۇرئاندىن توسىدۇ، ھەمدە ئۆزلىرى قۇرئاندىن يىراق تۇرىدۇ. ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ.

27 – ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى دوزاخ ئوتىنىڭ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئۇلار ئۇ چاغدا: «ئاھ! كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېمىگەن ۋە ئىمان ئېيتقانلاردىن بولغان بولساقچۇ!» دەيدۇ.

تەپسىرى

ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە مۇشرىكلار قىيامەت كۈنى دۇچ كېلىدىغان سەھنىلەردىن بىرىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ سەھنىدىكى ھالىدىن خەۋەر بېرىدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى  (25 – ۋە 26 -) ئايەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئان كەرىمگە تۇتقان سەلبىي پوزىتسىيىلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار، لېكىن قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە يېتىپ بارمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قەلبلىرىنى تەرسالىق، تەقلىدچىلىك ۋە دۇنيا ئارزۇلىرى ۋە قۇرئانغا يەنى ۋەھىيگە قارىتا ئۆچمەنلىك بىلەن تولدۇردى؛ ئىمان ۋە ھەقىقەتنىڭ قەلبلىرىگە كىرىشىگە ھېچقانداق يۇچۇق قويمىدى، بۇ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىز قەلبلىرىگە پەردىلەر تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ھەقىقەتنى ئاڭلىيالماس قىلىۋەتتۇق. بۇ بىزنىڭ ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدۇر. بىز ئۇلارنى بۇ ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپ قويدۇق. شۇڭلاشقا ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىمۇ يەنە ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا ئۇ دەلىللەرنى كۆرگەندىن كېيىن يېنىڭغا كەلسە ئىشىنىش تۈگۈل،  بىلىپ تۇرۇپ «بۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەپ مەسىخىرە قىلىشىدۇ.
  2. ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار ئىنسانلارنى ساڭا ئەگىشىشتىن ۋە ساڭا قۇلاق سېلىشتىن توسىدۇ، ئۆزلىرى ساڭا ئەگىشىشتىن يىراق تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى پەرق ئەتمەستىن بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھالاكىتى ۋە زىيىنى ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ.

ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن بارلىق ئىنسانلارغا ھىدايەت بولسىمۇ نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت تەقۋادارلارغىلا ھىدايەتتۇر. بۇ سەۋەبتىن قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۇنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى، يۈز ئۆرۈشىگە سەۋەبچى بولغان تەكەببۇرلۇق ۋە تەقلىدچىلىك ئىدىيىسى بىز ھىدايەت ۋە زالالەت ئۈچۈن بېكىتكەن سىستېما بويىچە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پەردە، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى قۇرئانغا ئىشىنىشتىن ۋە  ساڭا ئەگىشىشتىن توسىدۇ[1].

ئاللاھ تائالا 27 ~ 32 – ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ، ئىنسانىيەتنى ئەقلىنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئوتىنىڭ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمىغان ۋە مۇئمىنلاردىن بولغان بولساق» دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە ناھايىتى دەھشەتلىك مەنزىرە كۆرگەن بولاتتىڭ. مۇشرىكلار دوزاختا تۇرۇپ دۇنياغا قايتىپ ھىدايەت تېپىشنى ئەنە شۇنداق ئارزۇ قلىدۇ.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 2 – ۋە 7 – ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 46 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 57 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 5 – ئايەت؛ 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 14 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

مۇشتەرى بولۇپ، بىكەت يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇڭ!

مۇشتەرى بولسىڭىز، بارلىق يېڭى يوللانغان يازمىلار ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر