قۇرئان يولى
ھەج ھەققىدە ئومۇمى بايان 1

ھەج ھەققىدە ئومۇمى بايان

          ھەج ھەققىدە ئومۇمىي بايان

ئاللاھ تائالا مەككىنى يەر يۈزىنىڭ مەركىزى قىلغان[1]. كەبىنى بولسا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئىبادەتگاھى، ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەت مەنبەسى ۋە ھىدايەت بۇلىقى قىلغان[2]. مەركىزىي يۇرت بولغان مەككىگە بېرىپ مەزكۇر ئىبادەتگاھتا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۇ بەرىكەتتىن نېسىۋە ئېلىش ۋە ئۇ ھىدايەت بۇلىقىدىن ئىچىش كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ، ھەج بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ[3].

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلىشقا، ئىنسانلارنى پىيادە مېڭىپ ۋە ئۇلاغلارغا مىنىپ مەككىگە كېلىشكە، شۇنداقلا ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆرۈشكە بۇيرۇغان[4]. ھەجنىڭ ۋاقتىنى بىرقانچە ئاي قىلىپ بېكىتكەن[5]، ئۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ھاجىلارغا، ھاجىلارنىڭ قۇربانلىقلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنچاقلىرىغا چېقىلىشنى ھارام قىلغان[6]، ھاجىلارنىڭ ئۇ ئايلاردا تىجارەت قىلىشىغا ۋە مەنپەئەت ئېلىم – بېرىمى قىلىشىغا يول قويغان، ھەتتا ئۇلارنى بۇنىڭغا تەرغىب قىلغان[7].

ھەج ئايلىرىنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشى، ھەج ئىبادىتىنىڭ بىر مۇسۇلمانغا ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرز بولۇشى ۋە خەلقئارالىق جامائەت ھالىتىدە ئادا قىلىنىدىغان بىر ئىبادەت قىلىپ بەلگىلىنىشى قاتارلىقلار كۆرسىتىدۇكى:

مەككىگە ھەر يىلى يەر يۈزىنىڭ پەرقلىق جايلىرىدىن پەرقلىق ئىنسانلار كېلىپ كېتىدۇ. بۇ مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە يەرمەنكە ئېچىپ، مال ئېلىم – سېتىمى ۋە زاكالەت ئېلىم – بېرىمى قىلىشىغا، بىلىم ۋە پەن – تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىپ، بىر – بىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىغا، سىياسىي، ئەسكىرى ۋە مەدەنىي ساھەلەردە توختام تۈزۈشۈپ، ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي مەنىدە ھاسىل قىلىشىغا شارائىت يارىتىدۇ. كەئبە بۇ شەكىلدە «قىيامەن لىنناس (قياما للناس) – ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى[8]» قىلىنغان[9].

ھەج ئىبادىتى ئىنسانلارنىڭ ئەنە شۇ مەنپەئەتلەرنى ھاسىل قىلىشى[10]،  ئىبادەتنىڭ ھەر باسقۇچىدا سەلدەك ئېقىپ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى چۈشىنىشى، قىيامەت سەھنىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇپ يېتىشى قاتارلىقلار ئۈچۈن[11] يولغا قويۇلغان ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر ئېلانىدىن كېيىن قايتا باشلىنىپ ئەنە شۇ مەقسەتلەر بىلەن ئادا قىلىنىپ كەلگەن[12].

ئاللاھ تائالا ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابىدىمۇ بۇ ئىبادەتنىڭ كۈچى يەتكەنلەرگە ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان[13]. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى ئۆمرىدە يۈز مىڭدىن ئارتۇق ساھابىسى بىلەن بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلغان ۋە ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن ئادا قىلىش يولىنى كۆرسەتكەن.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 129 – 131- بەتلەر.

[1] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 92 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 96 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 97 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 197 – ۋە 203 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 27 ~ 29 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 27~28 – ئايەتلەر.

[5] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 197 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 198 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 28 – ئايەت.

[8] يەنى ئاللاھ تائالا كەبىنى مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن تىك تۇرۇشىغا، ھەقىقىي مەنىدە تىرىك تۇرۇشىغا، باشقا ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ ئۆرە تۇرۇشىغا سەۋەب ۋە ۋاسىتە قىلغان.

[9] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 97 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 229 – ئايەت.

[11] ھەج بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بۇ ھېكمەتلەرگە دالالەت قىلىدۇ.

[12] چۈنكى كەبە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن توپان بالاسىدا يىقىلىپ كېتىپ ھەج ئىبادىتى توختاپ قالغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى قايتا سالغاندىن كېيىن قايتا باشلانغان. چۈنكى كەبىنىڭ يەر يۈزىدىكى تۇنجى ئىبادەتگاھ قىلىپ سېلىنىشى (3 – سۈرە ئال ئىمران، 96 – ئايەت)، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىنىڭ ئۇللىرىنى كۆتۈرۈشى ۋە «بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن» دەپ دۇئا قىلىشى (2 – سۈرە بەقەرە، 127 ~ 128 – ئايەتلەر)، «رەببىمىز! مەن ئائىلەمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى زىرائەتسىز ۋادىغا يەرلەشتۈردۈم» دېيىشى (14 – سۈرە ئىبراھىم، 37 – ئايەت)، ئاللاھ تائالانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىل دەپ ئەمر قىلىشى (22 – سۈرە ھەج، 37 – ئايەت) قاتارلىقلار دالالەت قىلىدۇكى: كەبە ۋە ھەج ئىبادىتى يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ مەۋجۇت. لېكىن ھەر رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتىدە ھەجنىڭ بەزى ئەھكاملىرى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئاخىرقى رەسۇلۇللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىكى ھەج ئىبادىتىدە سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدىكى سەئىينىڭ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھاجەرنىڭ بالىسىغا سۇ ئىزدەپ مەزكۇر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا يەتتە قېتىم يۈگۈرۈشىدىن قالغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ رىۋايەت سەھىھۇلبۇخارىنىڭ كىتابۇلئەنبىيا بۆلۈمىنىڭ 3364 – نومۇرلۇق رىۋايىتى بولۇپ، بۇ رىۋايەت كىتابىمىزنىڭ «سەئىي» قىسمىدا تەپسىلىي زىكىر قىلىنىدۇ. 

[13] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 97 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر