قۇرئان يولى
قۇرئان ۋە سۈننەتتە نامازلارنىڭ رەكئەت سانى 1

قۇرئان ۋە سۈننەتتە نامازلارنىڭ رەكئەت سانى

3§. نامازلارنىڭ رەكئەت سانى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذَا ضَرَبۡتُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَقۡصُرُواْ مِنَ ٱلصَّلَوٰةِ إِنۡ خِفۡتُمۡ أَن يَفۡتِنَكُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْۚ إِنَّ ٱلۡكَٰفِرِينَ كَانُواْ لَكُمۡ عَدُوّٗا مُّبِينٗا  ١٠١ وَإِذَا كُنتَ فِيهِمۡ فَأَقَمۡتَ لَهُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَلۡتَقُمۡ طَآئِفَةٞ مِّنۡهُم مَّعَكَ وَلۡيَأۡخُذُوٓاْ أَسۡلِحَتَهُمۡۖ فَإِذَا سَجَدُواْ فَلۡيَكُونُواْ مِن وَرَآئِكُمۡ وَلۡتَأۡتِ طَآئِفَةٌ أُخۡرَىٰ لَمۡ يُصَلُّواْ فَلۡيُصَلُّواْ مَعَكَ وَلۡيَأۡخُذُواْ حِذۡرَهُمۡ وَأَسۡلِحَتَهُمۡۗ وَدَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ تَغۡفُلُونَ عَنۡ أَسۡلِحَتِكُمۡ وَأَمۡتِعَتِكُمۡ فَيَمِيلُونَ عَلَيۡكُم مَّيۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِن كَانَ بِكُمۡ أَذٗى مِّن مَّطَرٍ أَوۡ كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَن تَضَعُوٓاْ أَسۡلِحَتَكُمۡۖ وَخُذُواْ حِذۡرَكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا  ١٠٢﴾

«ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق[1]. شۈبھىسىزكى، كافىرلار سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئىمام بولۇپ نامازنى تولۇق ئۆتىگەن چېغىڭدا، ئۇلاردىن بىر جامائە سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن. ئۇلار قورال – ياراغلىرىنى تۇتسۇن. ئۇلار سەجدە قىلىپ بولغاندا ئارقاڭلاردا قوغدىغۇچى بولۇپ تۇرسۇن. ناماز ئۆتىمىگەن يەنە بىر جامائە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئۆتىسۇن. بۇلارمۇ ھوشيار تۇرسۇن ۋە قورال – ياراغلىرىنى تۇتسۇن. كافىرلار سىلەرنىڭ قورال – ياراغلىرىڭلاردىن ۋە نەرسە – كېرەكلىرىڭلاردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇردىن بىرەر ئەزىيەت بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، قورال – ياراغلىرىڭلارنى قويۇپ قويۇشۇڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كافىرلار ئۈچۈن خارلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى»[2].

  بۇ ئايەتلەردە قورقۇش نامىزىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، رەكئەت سانى ۋە ئوقۇلۇش شەكلى بايان قىلىنىدۇ. سەپەر ئۈستىدە كاپىرلارنىڭ زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورققان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتىشى كېرەك بولغان ناماز پەقەتلا بىر رەكئەتلىك نامازدۇر. بۇ بىر رەكئەتلىك ناماز ئادەتتە سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ قەسىر قىلىنىپ (قسقارتىلىپ) ئوقۇلغان شەكلىدۇر.

سەپەر ئۈستىدە دۈشمەننىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن قورقۇش ئەسناسىدا، نورمال سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەت نامازنىڭ بىر رەكئەتكە چۈشۈرۈلىشى، ئۇ نامازنىڭ مۇقىملىقتىكى (سەپەر ئۈستىدە بولمىغان چاغدىكى) ئەسنادا تۆت رەكئەت بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى سەپەر ئۈستىدە بولۇشقا، قورقۇش قوشۇلغاندا ئادەتتىكى ئىككى رەكئەتنى كېمەيتىشكە بولىدىغانلىقى، سەپەر ئۈستىدە قورقۇش يوقالغاندا ئادەتتىكى ئىككى رەكئەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ، سەپەر ئۈستىدە بولمىغاندا ئادەتتىكى ئىككى رەكئەتكە زىيادە قىلىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿حَٰفِظُواْ عَلَى ٱلصَّلَوَٰتِ وَٱلصَّلَوٰةِ ٱلۡوُسۡطَىٰ وَقُومُواْ لِلَّهِ قَٰنِتِينَ  ٢٣٨﴾

«نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار‏»[3].

بۇ ئايەتتە مۇقىم بولسۇن مۇساپىر بولسۇن، پۈتۈن مۇسۇلمانلار «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى» مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۇ «ئوتتۇرا ناماز» سەپەردە قورقۇش بولمىغاندا «نامازلار»ىنى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇغان مۇساپىرلار ئۈچۈنمۇ، «نامازلار»ىنى مۇقىملىقتا تولۇق ئوقۇۋاتقان مۇقىملار ئۈچۈنمۇ «ئوتتۇرا ناماز» بولۇشى لازىم. چۈنكى ئۇ ئايەتتىكى ئىلاھى بۇيرۇق ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە چۈشۈرۈلگەن.

شۇنداق بولغاندا بەش ۋاخ نامازنىڭ ئىچىدە سەپەردىمۇ، مۇقىملىقتىمۇ 3 رەكئەتلىك بىر نامازنىڭ بولۇشى، مۇقىملىقتا بىر نامازنىڭ ئىككى رەكئەتلىك، ئۈچ نامازنىڭ تۆت رەكئەتلىك بولۇشى كېرەك. چۈنكى 3، ئىككى دانە 2 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (2 3 2)، ئىككى دانە 4 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (4 3 4)، بىر دانە 2 بىلەن بىر دانە 4 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (2 3 4).

بامداتنىڭ 2، نامازشامنىڭ 3، پېشىن، نامازدىگەر ۋە خۇپتەننىڭ 4 رەكئەتلىك بولۇشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ 5 ۋاقىت نامازنى بۇ شەكىلدە ئوقۇغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەككى، مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە بەش ۋاقىت نامازنىڭ رەكئەت سانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

رەكئەت سانى ئېتىبارى بىلەن «ئوتتۇرا ناماز» بولغان 3 رەكئەتلىك نامازنىڭ ئورنى ئېتىبارى بىلەنمۇ «ئوتتۇرا ناماز» بولۇشى لازىم. 11 – سۈرە ھۇدنىڭ 114 – ئايىتى ۋە 17 – سۈرە ئىسرانىڭ 78 – ئايەتلىرىدە تۇنجى نامازنىڭ پېشىن، ئاخىرقى نامازنىڭ بامدات ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى نامازشامنىڭ «ئوتتۇرا ناماز» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. چۈنكى نامازشام ئۈچ رەكئەتلىك بىر ناماز بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئىككى ۋاخ ناماز، ئۆزىدىن كېيىن ئىككى ۋاخ ناماز بولغان نامازدۇر.

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:

  • ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پېشىننى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىدە تۆت رەكئەت ئوقۇدۇق. رەسۇلۇللاھ مەككىگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدى، زۇلھۇلەيفەگە كەلگەندە نامازدىگەرنى ئىككى رەكئەت ئوقۇدى[4].

دېمەك، پېشىن بىلەن نامازدىگەر قىسقارتىلماستىن ئوقۇلغاندا تۆت رەكئەتتىن ئوقۇلىدىغان نامازلاردۇر.

  • ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام نامازدىگەرنى ئۈچ رەكئەت ئوقۇپ سالام بەردى ۋە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. خىرباق دېيىلىدىغان ۋە ئىككى قولى ئۇزۇنراق بولغان بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: يارەسۇلەللاھ! دېدى ۋە نامازدىگەرنى ئۈچ رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى ئەسلەتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ رىداسىنى سۆرەپ خاپا ھالدا چىقىپ كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: «بۇ توغرا سۆزلەۋاتامدۇ؟» دېدى، ھەممەيلەن: ھەئە دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىر رەكئەت ئوقۇدى، ئىككى سەجدە قىلدى ۋە سالام بەردى[5].
  • رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئىتىنىڭ ھەر بىرىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيدىغانلىقى، ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىدە پەقەت فاتىھەنىلا ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[6]. بۇ رىۋايەتمۇ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنىڭ تۆت رەكئەتتىن ئوقۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
  • ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە نامازشامدىن باشقا نامازلار ئىككى رەكئەتتىن پەرز قىلىنغان. نامازشام ئۈچ رەكئەت ئىدى. كېيىن ئاللاھ تائالا سەپەر ئۈستىدە بولمىغانلار ئۈچۈن پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەننى تۆت رەكئەتتىن قىلىپ تاماملىدى، سەپەر ئۈستىدىكىلەر ئۈچۈن نامازنى دەسلەپكى ھالىتى بىلەن مۇقىملاشتۇردى[7].
  • قەيس ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىر كىشىنىڭ بامداتتىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ: «بامدات نامىزى ئىككى رەكئەتتۇر» دېدى. ئۇ كىشى: مەن بامداتتىن ئىلگىرىكى ئىككى رەكئەتنى ئوقۇمىغان ئىدىم، ھازىر ئۇنى ئوقۇدۇم دېدى. رەسۇلۇللاھ گەپ قىلمىدى[8].

يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان پۈتكۈل دەلىللەر دالالەت قىلىدۇكى، پېشىن 4 رەكئەت، نامازدىگەر 4 رەكئەت، نامازشام 3 رەكئەت، خۇپتەن 4 رەكئەت، بامدات 2 رەكئەتتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىن تارتىپ، تا كۈنىمىزگىچە پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ بەش ۋاخ نامازنى رەسۇلۇللاھتىن ئۆگىنىشى ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا شۇ بويىچە ئوقۇپ كېلىشىمۇ مەزكۇر رەكئەت سانىنىڭ توغرىلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھتىن كېيىن تا كۈنىمىزگىچە بولغان ئارلىقتا يەر يۈزىدە بەش ۋاخ ناماز جامائەت بولۇپ ئوقۇلمىغان ھېچبىر كۈن ئۆتمىگەن. بۇنى تارىخ ئىسپاتلايدۇ، ئەمەلىيەت ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەككى، بەش ۋاخ نامازنىڭ شەكلى، رەكئەت سانى ۋە ۋاقىتلىرى… نەسىلدىن نەسىلگە، جامائەتتىن جامائەتكە، ئەسىردىن ئەسىرگە ئەينەن نەقىل قىلىنىپ كۈنىمىزگە كەلگەن، بۇ قىيامەتكىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. چۈنكى بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ بىر ئەمرىدۇر. قۇرئان كەرىمنى ساقلاشنى ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّا نَحۡنُ نَزَّلۡنَا ٱلذِّكۡرَ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ  ٩﴾

«شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە بىز قوغدايمىز»[9].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 54 – 59.

[1]  سەپەردىكى چېغىڭلاردا ئىككى رەكئەت ئوقۇيدىغان نامىزىڭلارنى دۈشمەننىڭ ئۆزۈڭلارغا بىرەر زىيان – زەخمەت يەتكۈزىشىدىن قورقساڭلار، قىسقارتىپ بىر رەكئەتتىن ئوقۇشۇڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

[2] 4 – سۈرە نىسا، 101 ~ 102 – ئايەتلەر.

[3] 2 – سۈرە بەقەرە، 238 – ئايەت.

[4] بۇخارى، «تەقسىرۇسسالات»، 5، «ھەج»، 24، 25، 27، 117، 119، «جىھاد»، 104، 126؛ مۇسلىم، «سالاتۇلمۇسافىرىن»، 11؛ ئەبۇ داۋۇد، «تەفرىئۇ سالەتىس سەفەر»، 2؛ نەسەئى، «سالات»، 10.

[5] مۇسلىم، «مەساجىد»، 101؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 194؛ نەسەئى، «سەھۋ»، 23؛ ئىبنى ماجە،  «ئىقامەتۇسسالات ۋەسسۇننەتۇ فىيھا»، 134.

[6] بۇخارى، «ئەزان»، 107؛ مۇسلىم، «سالات»، 155.

[7]  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 43: 357.

[8]  ئەبۇ داۋۇد،  «تەتەۋۋۇئـ ۋە رەكئەتۇس سۈننە»، 5.

[9] 15 – سۈرە ھىجر، 9 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر