قۇرئان يولى
ئاللاھنىڭ سۈننىتى 1

ئاللاھنىڭ سۈننىتى

خ – سۈننەت ئۇقۇمىنىڭ بۇزۇلۇشى

بىز مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ سايىسىدە، ئاللاھنىڭ سۈننىتىنىڭ ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان توغرا يول ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ يولدا ماڭمىغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى كۆردۇق. ئاللاھنىڭ سۈننىتى، ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭمۇ سۈننىتىدۇر (ئىسرا 17 / 77، ئەھزاب 33 / 38 -39). گەرچە بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ، قۇرئاننىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇقۇملىرىنىڭ بىرى بولغان ئاللاھنىڭ سۈننىتى / سۈننەتۇللاھنىڭ مەنىسى ئەنئەنىدە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىلگەندۇر:

«سۈننەتۇللاھ – ئاللاھنىڭ تەبىئەتنى يارىتىپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى تەڭشەش ئۈچۈن قويغان قانۇنلىرىدۇر[1]».

سۈننەت ئۇقۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئايەتلەر يۇقىرىدا كۆرسىتىلدى. سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقساق، ئۇ ئايەتلەردە دېيىلگەن سۈننەت بىلەن بۇ ئېنىقلىما ئارىسىدا كىچىككىنە مۇناسىۋەتنىڭمۇ يوقلىقىنى كۆرەلەيمىز! سۈننەت ئۇقۇمىدىن باشقا ھېكمەت، رەسۇل ۋە نەبىي ئۇقۇملىرىنىڭمۇ قاراتمىلىقى ئۆزگەرتىلىپ، يېڭى بىر سۈننەت ئىجاد قىلىندى. بۇ ئىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن دەپ قارالغان ئىمام شافىئي، پەيغەمبىرىمىزگە كىتاب بىلەن بىللە ھېكمەتنىڭمۇ نازىل قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۇلارنى ئۈممىتىگە ئۆگەتكەنلىكىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنى تىزىپ چىققاندىن كېيىن[2] مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ بۇ ئايەتلەردە قۇرئان ۋە ھېكمەتنى يانمۇيان تىلغا ئالىدۇ. قۇرئاننى بىلىدىغان ۋە ئۆزۈم ئىشىنىدىغان بىر كىشىدىن مۇنداق ئاڭلىدىم: ئايەتلەردە قۇرئاننىڭ ئارقىسىدىنلا ھېكمەت تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ھېكمەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدۇر. ئايەتلەردە ئاللاھ، ئەلچىلىرىگە كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۆگەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى ھېكمەتكە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۈننىتىدىن باشقا نەرسە دېيىش توغرا ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ، ئەلچىسىگە ئىمان ئېيتىشنى، ئۆزىگە ئىمان ئېيتقانلىق ھېسابلىدى. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۈننىتى، ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى خاس ۋە ئومۇمى ھۆكۈملەرنىڭ مەقسىتىنى بايان قىلىدىغان دەلىلدۇر. ئاللاھ ھېكمەتنى، كىتاب (قۇرئان)نىڭ يېنىغا قويىدۇ ۋە ھېكمەتنى ئۇنىڭ بىلەن بىر ھېسابلايدۇ. بۇنى پەقەت مۇشۇ ئەلچىسىگىلا قىلغاندۇر[3]».

ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى بىزگە يەتكۈزىدىغان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ رەسۇل سۈپىتى بىلەن قىلغان سۆزلىرى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدۇر.  شۇڭلاشقا ئۇ سۆزلەرگە ئىتائەت قىلىش ئەلۋەتتە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئەمما ئىمام شافىئىي، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسۇل سۈپىتى بىلەن قىلغان ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق دېگەن چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىمام شافىئىنىڭ بۇنداق قىلىشىغا ئىنساننىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ رەسۇلۇللاھنى ئاللاھنىڭ يېنىدىكى ئىككىنچى ئىلاھ ھالىغا كەلتۈرۈپ قويغانلىق بولۇش بىلەن بىرگە، شېرىككە ئىشىك ئېچىپ بەرگەنلىكتۇر.

ئىمام شافىئىي ئۆزىنىڭ ئۇ سۆزىگە ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 36 – ۋە نىسا سۈرىسىنىڭ 59 – ئايەتلىرىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ، ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا دەلىل بولمايدىغانلىقى ئۈستىدە كېيىن توختىلىمىز.

داۋامى بار….

[1] ئىلياس چەلەبى، «سۈننەتۇللاھ»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيەسى.

[2]  ئۇ ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە: بەقەرە 2 / 231، ئال ئىمران 3 / 164، نىسا 4 / 113، ئەھزاب 33 / 34، جۈمە 62 / 2.

[3]مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىئىي (ئۆ.204 ھ)، رىسالە، تەھقىقلىغۇچى: ئەھمەد شاكىر (مىسىر: 1358 ھ /1940 م)، 1 : 79.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر